خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئىشتاب باشلىقى: ئاي ئەتراپىدا ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك
ئامېرىكا ئىشتاب باشلىقى، گېنېرال دان كەين ئامېرىكانىڭ تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا قورال ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ يەر شارى ئوربىتىسىدىلا ئەمەس، ئاي ئەتراپىدىمۇ ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا ئىشتاب باشلىقى: ئاي ئەتراپىدا ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك
ئامېرىكا باش شتاب باشلىقى: «ئاي ئەتراپىدا جەڭ قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈشىمىز كېرەك»

ئامېرىكا ئىشتاب باشلىقى، گېنېرال دان كەين ئامېرىكانىڭ تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا قورال ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، ئۇرۇشتا يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ يەر شارى ئوربىتىسىدىلا ئەمەس، ئاي ئەتراپىدىمۇ ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

دان كەين ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھاۋا، ئالەم ۋە تور بىخەتەرلىكى يىغىنىدا ھەربىي خادىملار ۋە ساھە ۋەكىللىرىگە سۆز قىلدى. ئۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «دېڭىز تېگىدىن ئاي ئوربىتىسىغىچە بولغان ھەر قانداق جايدا ئۇرۇش قىلىش، بەرداشلىق بېرىش ۋە غەلىبە قىلىشقا تەييار بولۇش» ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ئۆزىنى ماسلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يەر شارىنىڭ يۇقىرى ئوربىتىسى بىلەن ئاي ئارىسىدىكى رايوندا ئۇرۇش قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بۇ بايانات، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى كاتىپى تروي مېينكنىڭ ئوخشاش يىغىندا ئامېرىكانىڭ «ئوربىتىدا ئالەم بوشلۇقىنى كونترول قىلىش قوراللىرى»نى ياساپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يېقىنقى كۈنلەردە ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ئالەم قوراللىرى ھەققىدىكى باياناتلىرى، ئالەم بوشلۇقىدىن پەقەت تىنچلىق مەقسىتىدە پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ھەربىيلەشتۈرمەسلىك كېرەكلىكى توغرىسىدىكى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىلەر ۋە خەلقئارا چۈشەنچىلەرگە خىلاپ، دەپ قارالماقتا.

ئالەم بوشلۇقى شەرتنامىسى ئىمزالانغان ئىدى

ئامېرىكا بىلەن خىتايمۇ ئىمزالىغان 1967-يىلدىكى ئالەم بوشلۇقى شەرتنامىسىدە، ئاي قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىدىن پەقەت تىنچلىق مەقسىتىدە پايدىلىنىش، يادرو قوراللىرىنى ئالەم بوشلۇقىغا ئورۇنلاشتۇرماسلىق ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئالەم جىسىملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلارغا مەسئۇل بولۇشى بەلگىلەنگەن.

ئىككى يىل ئىلگىرى، ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئىشلىتىلىدىغان بىر قورالنى ياساپ چىقىۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئالەم بوشلۇقىنىڭ ھەربىيلىشىشىگە قارشى تەدبىرلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن يېڭى بىر تەشەببۇس قوزغالغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى