شى جىنپىڭ ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قىلغان ھۇجۇمى جەريانىدىكى «زومىگەرلىكلىرى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «بىر تەرەپلىمە ۋە زومىگەرلىك خاراكتېرلىك قىلمىشلارنىڭ يەر شارى تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى»نى تەكىتلىدى.

By
Xi made the remarks during a meeting with Micheal Martin, the prime minister of Ireland, in the capital Beijing. / Reuters

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «بىر تەرەپلىمە ۋە زومىگەرلىك خاراكتېرلىك قىلمىشلارنىڭ يەر شارى تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى»نى تەكىتلەپ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى «بىر تەرەپلىمە ۋە زومىگەرلىك قىلمىشلىرى»نى تەنقىد قىلىپ، «چوڭ دۆلەتلەر»نى خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلىشقا چاقىرغان.

شى جىنپىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا: «بارلىق دۆلەتلەر باشقا  دۆلەتلەرنىڭ خەلقى تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىشى، خەلقئارا قانۇنلارغا ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى ۋە پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىشى كېرەك؛ چوڭ دۆلەتلەر بۇ جەھەتتە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ بۇ سۆزلەرنى پايتەخت بېيجىڭدا ئىرېلاندىيە باش مىنىستىرى مىچېئال مارتېن بىلەن ئۆتكۈزگەن كۆرۈشۈش جەريانىدا قىلغان.

خىتاي رەھبىرى بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكانىڭ شەنبە كۈنى تاڭ سەھەردە ۋېنېزۇئېلاغا قىلغان تۇيۇقسىز ھۇجۇمى جەريانىدا، مەزكۇر دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتى ۋە رەپىقىسىنىڭ قولغا ئېلىنىپ، ئارقىدىن نىيۇيوركقا ئېلىپ كېتىلىشىدىن كېيىن قىلدى.

شى جىنپىڭ: «ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىقلار چۆرىدەپ تۇرغان بىر دۇنيادا، بىر تەرەپلىمە ۋە زومىگەرلىك قىلمىشلىرى خەلقئارا تەرتىپنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرماقتا» دېدى.

كاراكاس ھۆكۈمىتى مادورو ۋە رەپىقىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا

ئامېرىكا شەنبە كۈنى كاراكاستا «كەڭ كۆلەملىك» ھەربىي ھەرىكەت باشلاپ، نيۇيوركتىكى بىر سوت مەھكىمىسىدە جىنايى ئىشلارنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان پىرېزىدېنت نىكولاس مادورو بىلەن رەپىقىسى سىلىيا فلورېسنى قولغا ئالدى.

«نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ۋېنېزۇئېلا دائىرىلىرىنى مەنبە قىلىپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئامېرىكا ھۇجۇمىدا تەخمىنەن 80 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مادورو بىلەن فلورېس برۇكلىندىكى بىر قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئالاقىسى بولۇش ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىدىكى شايكىلار بىلەن ھەمكارلىشىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

مادورو ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان بولسا، ۋېنېزۇئېلانىڭ پايتەختى كاراكاستىكى دائىرىلەر مادورو بىلەن رەپىقىسىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.