ھەر يىلى 11-ئىيۇل، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پوتوچارى خاتىرە مەركىزىدە كوللېكتىپ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى خاتىرىلىنىدۇ. بۇ يەردە يېڭىدىن كىملىكى ئېنىقلانغان قۇربانلار دەپنە قىلىنىدۇ.
تۈركىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئېچىلغىنىغا بىر يىل بولغان، سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇزېيى، ھەقىقىي تارىخىي بۇيۇملار، ئامان قالغانلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى ۋە كۆپ ۋاسىتىلىق كۆرگەزمىلەر ئارقىلىق 8 مىڭدىن ئارتۇق بوسنىيەلىك قۇرباننىڭ ئەسلىمىسىنى ساقلاپ، سرېبرېنىتسا-پوتوچارى خاتىرە مەركىزىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسلىمە ۋە تەربىيە كۆزنىكىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
مۇزېي پوتوچارىدىكى كونا باتارېيە زاۋۇتىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، 1995-يىلى ئىيۇلدا ب د ت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «بىخەتەر رايون» قولدىن كەتكەندىن كېيىن، مىڭلىغان بوسنىيەلىكلەر مۇشۇ يەردە پاناھلانغان ئىدى. مۇزېي قۇربانلارنىڭ شەخسىي بۇيۇملىرى، ئارخىپ ھۆججەتلىرى، سۈرەتلەر، ئاۋازلىق ۋە سىنلىق گۇۋاھلىقلار ھەمدە تەسىرلىك مەزمۇنلار بىلەن قىرغىنچىلىقنىڭ جەريانىنى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە بايان قىلىدۇ.
سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئېچىلغان بۇ مۇزېي، ئۇزۇن يىللىق تارىخىي خاتىرىلەر ۋە يادىكارلىقلارنى يىغىشنىڭ نەتىجىسىدۇر. مۇزېيى كۆرگەزمىسى قىرغىنچىلىققا ئېلىپ بارغان ۋەقەلەر، سرېبرېنىتسانىڭ يىقىلىشى، تۈركۈملەپ قەتل قىلىشلار، يوقالغانلارنى ئىزدەش ۋە ئائىلىلەرنىڭ ئۆز يېقىنلىرىنىڭ جەسەت قالدۇقلىرىنى تېپىپ، ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن دەپنە قىلىش ئۈچۈن قىلغان ئون نەچچە يىللىق كۈرەشلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.
ھەر يىلى 11-ئىيۇل، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پوتوچارى خاتىرە مەركىزىدە كوللېكتىپ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى خاتىرىلىنىدۇ. بۇ يىل (2026)، يېڭىدىن كىملىكى ئېنىقلانغان 10 قۇرباننىڭ جەسىتى دەپنە قىلىنىدۇ. دەپنە مۇراسىمىغا، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ۋە باشقا دۆلەتلەردىن مىڭلىغان كىشىنىڭ كېلىشى كۈتۈلمەكتە.
2024-يىلى، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى 11-ئىيۇلنى «1995-يىللىق سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارالىق ئەسلەش ۋە خاتىرىلەش كۈنى» قىلىپ بېكىتىپ، قۇربانلارنىڭ ئەسلىمىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
سۆزدىن بەكرەك تەسىر قىلىدىغان يادىكارلىقلار
مۇزېيدىكى كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئارىسىدا، ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىگىلىرى تەرىپىدىن قايتا-قايتا رېمونت قىلىنغان كونىراپ كەتكەن ئاياغلار بار بولۇپ، ئۇلار زىيارەتچىلەرگە مۇھاسىرە ئاستىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇش ھەققىدە تەسىرلىك تۇيغۇ بېرىدۇ.
سرېبرېنىتسا خاتىرە مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئازىر ئوسمانوۋىچ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى: «بەزىدە كىشىلەرنىڭ سرېبرېنىتسا خەلقى تارتقان ئازابلارنىڭ بىر قىسمىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن، ئاشۇ ئاياغلارنى كۆرۈشى كۇپايە. بۇ خىل بۇيۇملار گەپتىن بەكرەك تەسىر قىلىدۇ.»
ئوسمانوۋىچنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مۇزېينىڭ قۇرۇلۇشى خاتىرە مەركىزىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئابىدىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇ: «بىز ئارخىپ ۋە مۇزېي توپلاملىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇزۇن يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلدۇق. زىيارەتچىلەرنىڭ ئىنكاسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۆرگەزمە بۇ يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن ۋە زامانىۋى ئۇسۇلدا نامايان قىلدى. ھەممىدىن مۇھىمى، مۇزېي تەربىيەۋى مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ» دېدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مائارىپ تەربىيەسى بېرىش، مەركەزنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، خاتىرە سارىيى ھازىر 20 گە يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن 35 ئوقۇغۇچىنى جەم قىلغان 3-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق يازلىق مەكتەپنى كۈتۈۋالدى.
ئوسمانوۋىچ: «بىز كىشىلەرنىڭ سرېبرېنىتسادىن سرېبرېنىتسادا نېمە ئىش بولغانلىقى ھەققىدە كەڭ مەلۇماتقا ئىگە بولۇپ، تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچە بىلەن ئايرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ مەركەزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى» دېدى.
ھەر كۈنى يۈزلەرچە زىيارەتچى سرېبرېنىتساغا كېلىدىغان بولۇپ، سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇزېيى، ئۇلارنىڭ زىيارىتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلانغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Srebrenica and the global politics of genocide denial





















