ب ب س  ترامپنىڭ 10 مىليارد دوللارلىق دەۋاسىنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى

ب ب س ترامپ تەرىپىدىن سوتقا سۇنۇلغان ئەرزگە «ھوقۇق دائىرىسى» سەۋەبىدىن ئېتىراز بىلدۈرۈشنى ۋە سايلامغا مۇناسىۋەتلىك زىيان تەلەپلىرىنى رەت قىلىشنى پىلانلىماقتا.

By
ب ب س  ترامپنىڭ 10 مىليارد دوللارلىق دەۋاسىنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى / AP

يېڭى ئېلان قىلىنغان سوت ھۆججەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە شىركىتى ب ب س فلورىدادىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىدىن، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئۆزىگە قارشى سوتقا سۇنۇلغان 10 مىليارد دوللارلىق ئەرز - دەۋانىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشقا تەييارلانماقتا ئىكەن.

ترامپ ئالدىنقى يىلى ب ب س نىڭ 2021-يىلىدىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە بېسىپ كىرىش ۋەقەسىدىن ئىلگىرى قىلغان نۇتىقىنى تەھرىرلىگەن بىر ھۆججەتلىك فىلىمى سەۋەبىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان ئىدى. مەزكۇر پىروگراممىدا، ترامپنىڭ 2021-يىلى 6-يانۋاردىكى نۇتىقىنىڭ ئىككى ئايرىم بۆلىكى، گويا ئۇ ئۆز قوللىغۇچىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا ھۇجۇم قىلىشقا برسىپ كىرىشكە كۈشكۈرتكەندەك كۆرسىتىدىغان شەكىلدە بىرلەشتۈرۈلگەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ب ب س غا قاراتقان «ھاقارەت قىلىش» ۋە «فلورىدا ئالداش ۋە ئادالەتسىز سودا قىلمىشلىرى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش» ئەيىبلىشىنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن «5 مىليارد دوللاردىن كەم بولماسلىق شەرتى بىلەن تۆلەم» تەلەپ قىلماقتا.

لېكىن دۈشەنبە كۈنى مىئامىدىكى فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان ھۆججەتلەردە، ئەنگلىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە شىركىتى ب ب س نىڭ ئادۋوكاتلىرى سوتنىڭ «شەخسىي سوت قىلىش ھوقۇقى» كەمچىل بولغانلىقى سەۋەبىدىن «ئەرزنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى. ئادۋوكاتلار 2024-يىلدىكى سايلامدىن ئىلگىرى قويۇلغان، ئەمما ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تارقىتىلمىغان ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ، ترامپقا نىسبەتەن «ئېنىق بىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرىدۇ.

«ئويدۇرما» ھۆججەتلىك فىلىم

سوت ھۆججەتلىرىدە، ترامپنىڭ پەقەت «كەسپىي ۋە سودا مەنپەئەتى جەھەتتىن ئېنىق بولمىغان بىر زىيان» غا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ «ئاخىرىدا ھەقىقىي بىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالمايدىغانلىقى» ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلىدۇ:

«ترامپ مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 2024-يىلى 5-نويابىردا قايتىدىن سايلامدا غەلىبە قىلدى. فلورىدادا 13 پىرسەنتلىك زور پەرق بىلەن غەلىبە قىلدى، ئۇنىڭ ئېرىشكەن ئاۋازلىرى 2020 - ۋە 2016-يىللىرىدىكى نەتىجىلىرىدىن ئېشىپ كەتتى.»

ترامپنىڭ دەۋاسىدا بولسا، ھۆججەتلىك فىلىمدىكى مونتاژ قىلىنغان نۇتۇقنىڭ «ئويدۇرما» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ۋە ب ب س 2024-يىلقى سايلامغا «پىرېزىدېنت ترامپنىڭ زىيىنىغا بولىدىغان شەكىلدە نومۇسسىزلارچە بىر تەرەپلىمە ھالدا ئارىلىشىش ۋە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش» بىلەن ئەيىبلەنگەن. بۇ دەۋا ترامپنىڭ يېقىنقى يىللاردا تاراتقۇ شىركەتلىرىگە قارشى سوتقا ئەرز سۇنغان ۋە نۇرغۇنلىرى مىليونلىغان دوللارلىق كېلىشىملەر بىلەن نەتىجىلەنگەن بىر قاتار قانۇنىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ يېڭىسىدۇر.

ب ب س قانۇنىي ھاقارەت ۋە ئادالەتسىز سودا قىلمىشى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ب ب س نىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى سامىر شاھ ئۆتكەن يىلى ترامپقا بىر پارچە كەچۈرۈم خېتى ئەۋەتكەن ئىدى. شاھ يەنە نويابىر ئېيىدا ئەنگلىيە پارلامېنت كومىتېتىغا سۇنغان دوكلاتىدا، خاتالىقنىڭ «The Daily Telegraph» گېزىتىگە ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بىر ئۇقتۇرۇش بىلەن ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ب ب س نىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ بالدۇر ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

ھۆججەتلىك فىلىم ئەتراپىدىكى جىددىيچىلىك ب ب س نىڭ باش مۇدىرى تىم داۋى (Tim Davie) ۋە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خەۋەر ئىشلىرى مەسئۇلى دېبوراخ تۇرنېس (Deborah Turness) نىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

ب ب س نىڭ بىر باياناتچىسى مۇنداق دېدى: «ئىلگىرىمۇ ئەسكەرتكىنىمىزدەك، بۇ دەۋادا ئۆزىمىزنى قوغدايمىز، داۋاملىشىۋاتقان قانۇنىي باسقۇچ ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات بېرەلمەيمىز.»