تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان بىلەن نەھيان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكرە قىلدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت رەئىسى شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ئەنناھيان تېلېفونلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كېڭەيتىش ۋە كۈچەيتىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئەردوغان بىلەن نەھيان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكرە قىلدى
سۆھبەتتە يەنە ئورتاق قىزىقىدىغان رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى، تۈركىيە خەۋەرلىشىش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە. / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رەھبەرلەر يەكشەنبە كۈنىدىكى تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى ئورتاق مەنپەئەت ۋە خەلقلەرنىڭ بەخت-سائادىتى يۆنىلىشىدە تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلغان.

سۆھبەتتە، بولۇپمۇ تەرەققىيات شېرىكچىلىكى قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەر ئاساسىدا، تۈركىيە-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەن. رەھبەرلەر يەنە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر، رايوندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئىككى رەھبەر ئەسلىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يۈزتۇرا كۆرۈشۈشنىڭ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن كەينىگە سۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقلىرىنى جەزملەشتۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئالىملار ئىتالىيەدە ئاياللار ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان يېزىنى بايقىدى
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا