خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
توك ۋېلىسىپىت سوقۇۋەتكەن كومو شەھەر باشلىقى بۇ قاتناش قورالىنى شەھەردە چەكلىمەكچى
ئىتالىيەنىڭ كومو شەھىرىنىڭ باشلىقى ئالېسساندرو راپىنىس ئۆزىگە بىر توك ۋېلىسىپىت سوقۇۋەتكەندىن كېيىن، شەھەرنىڭ بەزى تارىخىي كوچىلىرىدا ۋېلىسىپىت مىنىشنى مەنئىي قىلىش قارارى چىقاردى.
توك ۋېلىسىپىت سوقۇۋەتكەن كومو شەھەر باشلىقى بۇ قاتناش قورالىنى شەھەردە چەكلىمەكچى
توك ۋېلىسىپىت سوقۇۋەتكەن كومو شەھەر باشلىقى بۇ قاتناش قورالىنى شەھەردە چەكلىمەكچى

ئىتالىيەنىڭ ساياھەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان كومونىڭ شەھەر باشلىقى ئالېسساندرو راپىنىس، بىر توك ۋېلىسىپىت ئۆزىگە سوقۇۋەتكەندىن كېيىن، شەھەرنىڭ بەزى تارىخىي كوچىلىرىدا ۋېلىسىپىت ۋە توك ۋېلىسىپىت ئىشلىتىشنى مەنئىي قىلىش قارارى چىقارغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىتالىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شەھەر باشلىقى راپىنىس شەھەر مەركىزىدىكى تەخمىنەن 30 كوچىدا ۋېلىسىپىت ۋە توك ۋېلىسىپىت ئىشلىتىشنى چەكلىمەكچى بولغان. يېڭى بەلگىلىمە بويىچە، ۋېلىسىپىت مىنىش مەنئىي قىلىنغان كوچىلاردا كىشىلەر ۋېلىسىپىتتىن چۈشۈپ پىيادە مېڭىشىغا توغرا كېلىدىكەن.

ئىتالىيەنىڭ ANSA ئاگېنتلىقىغا بايانات بەرگەن راپىنىس، ئىيۇن ئېيىدا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدىن ئايرىلىۋاتقان ۋاقتىدا بىر توك ۋېلىسىپىتنىڭ ئۆزىگە سوقۇۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ھەتتا دوختۇرخانىغىمۇ بارمىدىم. بىر ۋېلىسىپىت مېنى سوقۇۋەتتى، مەن بۇ ھەقتە ئۇچۇر توپلىدىم ۋە بۇ تەدبىرنى يولغا قويدۇم.»

 راپىنىس بۇ قارارنىڭ ۋېلىسىپىت ۋە توك ۋېلىسىپىتلەرنىڭ پىيادىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سېنتەبىر ئېيىدا يولغا قويۇلىدىغان مەزكۇر بەلگىلىمىگە يەرلىك خەلق نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، قارارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار