ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
باڭلادېش ئالىي سوتى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جامائەت رەھبىرىنى ئاقلىدى
2024-يىلى ئاۋغۇستتا 15 يىللىق مۇستەبىت باش مىنىستىرلىق دىۋرى ئاخىرلاشقان شەيخ ھەسىنا دەۋرىدە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئالتە يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي رەھبەرنىڭ بىرسى ئەزھەرۇل ئىسلام ئىدى.
باڭلادېش ئالىي سوتى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جامائەت رەھبىرىنى ئاقلىدى
باڭلادېش ئالىي سوتى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جامائەت رەھبىرىنى ئاقلىدى / AFP

باڭلادېش ئالىي سوتى، سابىق باش مىنىستىر شەيخ ھەسىنا دەۋرىدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئ زھەرۇل ئىسلام ھەققىدىكى جازا ھۆكۈمىنى بىكار قىلدى.

جامائەتى ئىسلامى پارتىيەسىدىن بولغان ۋە 2012-يىلىدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئەزھەرۇل ئىسلام، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەنگن بولۇپ، سەيشەنبە كۈنى ئالىي سوت تەرىپىدىن ئاقلىنىپ، قويۇپ بېرىلىشىگە ھۆكۈم قىلىندى.

2024-يىلى ئاۋغۇستتا ئوقۇغۇچىلار قوزغىغان بىر ئىسيان بىلەن 15 يىللىق باش مىنىستىرلىق دەۋرى  ئاخىرلاشقان شەيخ نىڭ ھاكىمىيەت مەزگىلىدە ئەزھەرۇل ئىسلام جازاغا تارتىلغان ئالتە يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي رەھبەرنىڭ بىرسى ئىدى.

ئەزھەرۇل ئىسلامنىڭ ئادۋوكاتى شىشىر مونىر، ئۇنىڭ «تەلەيلىك» ئىكەنلىكىنى، چۈنكى تۆتى جامائەتى ئىسلامىدىن، يەنە بىرى باڭلادېش دۆلەتلىك پارتىيەسىدىن (BNP)  ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان باشقا بەش يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي رەھبەرنىڭ ئاللىقاچان دارغا ئېسىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مونىر مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «ھايات بولغانلىقى ئۈچۈن ئادالەت بەرپە قىلىندى.  (ئەسلىدە بۇرۇن) ئاقلاش ئىشخانىسى ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك باشقا دېلولاردىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرمىگەن» دېدى.

«ئادالەت قىرغىنچىلىقى»

جامائەت رەھبىرى شەفىقۇر رەھمان ئاقلاش قارارىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «ئەگەر ھەر قانداق ھەرىكىتىمىز ياكى ئىجرائاتىمىز سەۋەبىدىن ئازار يەتكەنلەر بولسا، بىزنى كەچۈرۈڭلار. ئۆزىمىز چوڭ خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بولساقمۇ، ئېھتىياجلىق بولغاندا كىشىلەرنىڭ يېنىدا بولۇشقا تىرىشتۇق» دېدى.

رەھمان، شەيخ ھەسىنانىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ «ساختا سوتلار ۋە يالغان گۇۋاھچىلار» ئارقىلىق «ئەدلىيە جىنايىتىگە» قۇربان بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ پارتىيە رەھبەرلىرىنى قىيناش ۋە يالغان ئىقرارلارنى ئېلىش ئۈچۈن «بىخەتەر ئۆيلەر» قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

«كۈندىلىك يۇلتۇز» گېزىتىنى ھەسىنا دەۋرىدە ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ ئەيىبلەنگەن كىشىلەرنى سوتلىغان سوتنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى «ئادالەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىدى.

نۇقسانلىق ۋە قەستەنلىككە تولغان

ھەسىنانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە كەم دېگەندە ئالتە يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت رەھبىرى 1971-يىلدىكى ئازادلىق ئۇرۇشىدا ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن جىنايەتلەر سەۋەبىدىن دارغا ئېسىلدى.

ئۆلۈم جازالىرى ھەر خىل ھوقۇق گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىن «نۇقسانلىققا ۋە سىياسىي قەستەنلىككە تولغان» دەپ تەنقىد قىلىندى.

ئابدۇلقادىر موللا 2013-يىلى دېكابىردا دارغا ئېسىلغان ئىدى. مۇھەممەد قەمەرۇززامان، ئەلى ئېھسان، مۇھەممەد مۇجاھىد ۋە سالاھىددىن قادىر چوۋدۇرى 2015-يىلى دارغا ئېسىلدى. مۇتىئۇر رەھمان نىزامى ۋە مىر قاسىم ئەلى 2016-يىلى دارغا ئېسىلدى.

جامائەت تۇنجى قېتىم 1972-يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى باش مىنىستىر شەيخ مۇجىبۇر رەھمان تەرىپىدىن چەكلەنگەن بولۇپ، 2013-يىلى مۇجىبۇر رەھماننىڭ قىزى ھەسىنا تەرىپىدىن سايلامغا قاتنىشىشى مەئني قلىنغان ئىدى.

جامائەت 2001-يىلدىكى مەملىكەتلىك سايلامدىن بۇيان ئاساسلىق ئۆكتىچى باڭلادېش دۆلەتلىك پارتىيەسىنىڭ (BNP) مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولۇپ كەلمەكتە.

2024 - يىلى ئاۋغۇستتا كەڭ كۆلەملىك نامايىشلاردىن ئەنسىرىگەن ھەسىنا، جامائەتى ئىسلامىنى، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار قانىتى ئىسلامى چاترا شىبىرنى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا تەشكىلاتلارنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى بويىچە چەكلىگەن ئىدى.

ئارىدىن ئون كۈن ئۆتۈپ، ھەسىنا ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، جامائەت ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن كېيىن ئىشخانىسىنى ئاچتى.

جامائەتى ئىسلامى، ئاتاقلىق ئىسلام ئالىمى ئەبۇ ئەلا مەۋدۇدى تەرىپىدىن 1941-يىلى ئەنگىلىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ھىندىستانىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھىندىستانىنىڭ بۆلۈنۈشىدىن كېيىن، پارتىيە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پاكىستان، ھىندىستان، باڭلادېش ۋە ھىندىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە ئايرىم-ئايرىم شۆبىلەرنى قۇرغان ئىدى.

باڭلادېشتا، جامائەتى ئىسلامىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي پارتىيەلەر، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ 2026-يىلى ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈشكە ۋەدە بەرگەن ۋە كۈچلۈك ھاياجان بىلەن كۈتۈلۈۋاتقان سايلامغا تەييارلىق قىلماقتا.

 

ئىزدىنىڭ
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى