غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە غەززەدىكى پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، بىر خادىمنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق خان يۇنۇستىكى ياردەم تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىگە زەربە بەردى، نەتىجىىدە يەنە ئۈچ كىشى يارىلاندى.
ئىسرائىلىيە غەززەدىكى پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، بىر خادىمنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە غەززەدىكى پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، بىر خادىمنى ئۆلتۈردى / Reuters

پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتى (PRCS) نىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەكشەنبە كۈنى غەززەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىپ، بىر خادىمىنى ئۆلتۈرگەن، يەنە ئۈچ كىشىنى يارىلاندۇرغان

پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتى X  ھېسابىدىكى باياناتىدا: «بىر پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتى (PRCS) خادىمى ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ خان يۇنۇستىكى جەمئىيەت مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە قازا قىلدى، ئۈچ كىشى يارىلاندى ۋە بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى» دېيىلدى

پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتى ھۇجۇمدا بىنانىڭ بىرىنچى پارتلاپ ئوت ئاپىتى پەيدا قىلغانلىقىنى ۋە ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھۇجۇم ئامېرىكا ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوفنىڭ ئاچارچىلىق ۋە قەھەتچىلىك سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقان غەززەگە يېمەكلىك يەتكۈزۈش تىرىشچانلىقلىرىنى نەق مەيداندىن تەكشۈرۈش ئۈچۈن رايوننى زىيارەت قىلىشىدىن كېيىن يۈز بەردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېمەكلىك ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى (FAO) نىڭ باشلىقى كۇ دوڭيۈينىڭ باياناتىدا، «غەززە ھازىر ئومۇميۈزلۈك قەھەتچىلىك گىرۋىكىگە كېلىپ قالدى. ئىنسانلار يېمەكلىك تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يېمەكلىككە ئېرىشىش يوللىرى توسۇلغانلىقى، يەرلىك يېزا ئىگىلىك-يېمەكلىك سىستېمىلىرى ۋەيران بولغانلىقى ۋە ئائىلىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تۇرمۇش مەنبەلىرىنىمۇ داۋاملاشتۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاچلىقتىن ئۆلمەكتە» دېيىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە قاراتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 60 مىڭ 300 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى،

ئۈزۈلدۈرمەي بومباردىمان قىلىنىۋاتقان بۇ رايون خارابىلىككە ئايلىنىش بىلەن بىرگە يېمەكلىك قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ