خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ھۇسىيلارنىڭ ئەدەندىكى پىرېزىدېنتلىق سارىيىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 5 كىشى قازا قىلدى
يەمەننىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى ئەدەندىكى مەئاشىق پىرېزىدېنتلىق سارىيىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتقا قارىغاندا، 5 كىشى ئۆلۈپ، 16 كىشى يارىلانغان.
ھۇسىيلارنىڭ ئەدەندىكى پىرېزىدېنتلىق سارىيىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 5 كىشى قازا قىلدى
(ئارخىپ) خۇسىيلار ئادەندىكى مائاشىق پىرېزىدېنت سارىيىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلدى

يەمەن ئۇچۇر –ئاخبارات مىنىستىرى مۇئەممەر ئەلئىريانى X  سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇسىيلارنىڭ سارايغا بەش دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى، ھۇجۇم پەيتىدە سارايدا تۇرۇۋاتقان يەمەن باش مىنىستىرى ۋە كابىنېت ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سەھىيە مىنىستىرى قاسىم بۇھەيبىھنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆلگەن بەش كىشى ساراي قوغدىغۇچىلىرى ۋە پۇقراۋى خادىملاردىن ئىكەن؛  ھۇجۇمدا 16 كىشى يارىلانغان.

يەمەن مىنىستىرلار كېڭىشى سارايغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. كېڭەشنىڭ باياناتىدا بۇ ھۇجۇم، «ھۇسىيلارنىڭ يەمەن خەلقىنىڭ دۆلەت ھوقۇقىنى قايتا تىكلەش ئىرادىسى ئالدىدا مەغلۇپ بولۇپ، پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىگە يۈزلەنگەنلىكى» نىڭ ئىسپاتى دەپ باھالاندى.

باياناتتا، ھۇجۇمنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرالمايدىغانلىقى، ھۇسىيلارنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىغا خاتىمە بېرىش يولىدىكى كۈرەشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەندى. خەلقئارا جەمئىيەت پۇقرالار ۋە پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ۋە زۆرۈر بولغان بېسىملارنى ئىشلىتىشكە چاقىرىلدى.

يەمەندە 2014-يىلى سېنتەبىردە ھۇسىيلار پايتەخت سەنئا ۋە بىر قىسىم ۋىلايەتلەرنى كونتروللۇقىغا ئېلىۋالغاندىن بۇيان ئىچكى ئۇرۇش داۋاملاشماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب ئىتتىپاقى 2015-يىلى مارتتىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى سۆزلىگەندە نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ
CNN: ئامېرىكا ئىرانغا قارشى GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا
ئۇ ھ ئا ھۇجۇمىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ رىيازان رايونىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ب د ت: ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا
خاقان فىدان ئاسىيا بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا يېتىپ باردى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
شىمالىي كورېيە ئىككى خىل ئىستراتېگىيەلىك قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم باشلاش ئېھتىماللىقى بار
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ