زېلېنسكىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىدىن تارقاتقان ئۇچۇرىدا، روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرى ئۈستىدە توختالدى.
ئۇكرائىنا مىقياسىدا 15 تىن ئارتۇق ئېنېرگىيە ئەسلىھەسىنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان زېلېنسكىي، يېقىنقى كۈنلەردە «ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە ئەڭ كەسكىن ھۇجۇملارنىڭ» قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
زېلېنسكىي دۆلەتتىكى توك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش خىزمەتلىرىنىڭ ئارام ئالماستىن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
روسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئېنېرگىيە ساھەسىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن زېلېنسكىي، تۈنۈگۈن ئاخشامدىن بۇيان ئۇكرائىنانىڭ 320 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ئاپپارات ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
زېلېنسكىي روسىيەنىڭ قىش كېلىشتىن بۇرۇن ئۇكرائىنادا خەلقنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «روسىيە مىليونلىغان ئىنسانىمىزنى توكسىز ۋە ئىسسىنىشسىز قالدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
روسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ ئازىيىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن زېلېنسكىي، تۆۋەندىكىلەرنى قەيت قىلدى:
«ئامېرىكىدا ھەممە ئادەمنىڭ ئەمەلىيەتتە نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈشى ئىنتايىن مۇھىم. رۇسلار ئېنېرگىيە ساھەمىزگە مۇشۇنداق كەسكىن ھۇجۇملارنى قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا ئەپسۇسكى، روسىيەنى بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن لىندسېي گراھام قانۇنىغا پۈتۈنلەي كۆز يۇمۇشنى تاللىدى.»
ئۇكرائىنا دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بولسا، دۆلەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىغا تۈنۈگۈن كېچە ۋە سەھەردە قىلىنغان ھۇجۇملاردا 2 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 45 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


















