خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئانتونىيو كوستا: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى قانۇنسز
ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى ئانتونىيو كوستا ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى «قانۇنسىز» دەپ تەرىپلىدى.
ئانتونىيو كوستا: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى قانۇنسز
ئانتونىيو كوستا: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى قانۇنسز / Reuters

ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى ئانتونىيو كوستا ئوتتۇرا شەرقتىكى بەش ھەپتىلىك ئۇرۇشتىن كېيىن، مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزىنى پەقەت دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسى ئارقىلىقلا تۈگەتكىلى بولىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى ئانتونىيو كوستا ئۇرۇش جەريانىدا ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھە ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كوستانىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «ئەگەر ھورمۇز بوغۇزىنى قايتا ئاچمىسا، ئىراننىڭ ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىمىز» دەپ تەھدىت سالغاندىن كېيىن ئارقىئېلان قىلىندى.

ئانتونىيو كوستا X سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلەرنى، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى نىشانلاش قانۇنسىز ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قىلمىشتۇر. بۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشى ئۈچۈنمۇ ۋە بارلىق ئۇرۇشلار ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە. ئىران پۇقرالىرى ئىران رېجىمىنىڭ ئاساسلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلىرىدۇر. ھەربىي ھەرىكەت كېڭەيگەن تەقدىردە، ئىرانمۇ ئاساسلىق قۇربانغا ئايلانغان بولىدۇ.»

كوستا يەنە مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىراننى رايوندىكى دۆلەتلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى دەرھال توختىتىشقا ۋە ھورمۇز بوغۇزىدا تولۇق كېمە قاتنىشى ئەركىنلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە يول قويۇشقا چاقىرىدۇ. ئوتتۇرا شەرقتىكى بەش ھەپتىلىك ئۇرۇشتىن كېيىن، مەسىلىنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىنى پەقەت دىپلوماتىك چارە بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئايان بولدى.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - 'Deranged lunatic': US senators slam Trump’s Iran threats as ‘war crimes’
ئىزدىنىڭ
ئالىملار ئىتالىيەدە ئاياللار ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان يېزىنى بايقىدى
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا