ب د ت باڭلادېشتىكى روھىڭيا مۇساپىرلىرىنى جىددىي مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولماقتا
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ب د ت باڭلادېشتىكى روھىڭيا مۇساپىرلىرىنى جىددىي مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولماقتاب د ت بېنگلادىشتىكى روھىڭيا مۇساپىرلىرىغا ئوزۇق-تۈلۈك تەمىناتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېڭى مەبلەغ بولمىسا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق تەمىناتنى 12.50 دوللاردىن 6 دوللارغا چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
00:00
ب د ت باڭلادېشتىكى روھىڭيا مۇساپىرلىرىنى جىددىي مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولماقتا / AFP

ب د ت دۇنيا ئاشلىق تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بنگلادېشتىكى روھىڭلار مۇساپىرلىرىغا جىددىي ياردەم قىلىش ئۈچۈن مەبلەغ يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى ھەمدە بۇ ئەھۋالنىڭ  ئوزۇق-تۈلۈك ياردىمىنى خەۋپكە ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تەشكىلات تولۇق ئوزۇق تەمىناتىنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن ئاپرېل ئېيىدا 15 مىليون دوللارلىق، 2025-يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە 81 مىليون دوللارلىق مەبلەغگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى جاكارلىدى.

دۇنيا ئاشلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىغاندا، جىددىي يېڭى ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلمىگەن تەقدىردە، تەشكىلات كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق ئوزۇق تەمىناتنى 12.50 دوللاردىن 6 دوللارغا چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولىدىكەن.

 دۇنيا ئاشلىق تەشكىلاتىنىڭ بېنگلادىشتىكى ئىش بېجىرىش ئورنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بۇ ئەھۋال مۇساپىرلار مارت ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى رامىزان ئېيىدىن كېيىن روزا ھېيتنى كۈتۈۋالىدىغان بىر مەزگىلدە يۈز بەرمەكتە.»

بارلىق روھىڭيا مۇساپىرلىرى لاگېرلاردىكى بەلگىلەنگەن ساتقۇچىلاردىن ئوزۇق-تۈلۈك تاللاش ئۈچۈن تالونلارنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. بېنگلادىش 2017-يىلى بىرمادا ئوتتۇرىغا چىققان ھەربىي زۇلۇمدىن قاچقان 1.2 مىليوندىن ئارتۇق روھىڭيا مۇساپىرلىرىغا ساھىبخانىلىق قىلماقتا.

چارشەنبە كۈنى دۇنيا ئاشلىق تەشكىلاتى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ روھىڭيا مۇساپىرلىرى ئۈچۈن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق ئوزۇق تەمىناتنى يېرىمىغا چۈشۈرۈش پىلانى ھەققىدە بېنگلادىشلىق مۇساپىرلار مەسئۇللىرىغا خەت يازدى.

بېنگلادىش ھۆكۈمىتى بۇ ئىقتىسادىي كرىزىسنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئورگىنىنى تاقىشىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. چۈنكى دۇنيا ئاشلىق تەشكىلاتىنىڭ روھىڭيا مۇساپىرلىرىغا بەرگەن ئىقتىسادىي ياردىمىنىڭ 80 پىرسەنتىنى بۇ ئورگان تەمىنلەيدىكەن.

«پۈتۈنلەي بېقىندىلىق»

 يېقىنقى ئايلاردا، 100 مىڭدىن ئارتۇق يېڭى بىر تۈركۈم روھىڭيا مۇساپىرلىرى بىرمادىكى توقۇنۇشلاردىن قېچىپ بېنگلادىشقا ئۆتتى.

دۇنيا ئاشلىق تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، ئامانلىق ئىزدەپ كېلىۋاتقان روھىڭيا مۇساپىرلىرىنىڭ باڭلادېشقا داۋاملىق سەلدەك ئېقىشى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە قىس بولغان ئىقتىسادىي مەبلەغلەر مەسىلىسىدە جىددىي بېسىم پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

دۇنيا ئاشلىق تەشكىلاتىنىڭ بېنگلادىشتىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى دوم سكالپېللى مۇنداق دەيدۇ:

«روھىڭيا مۇساپىرلىرى كرىزىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان كرىزىسلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.

بېنگلادىشتىكى روھىڭيا مۇساپىرلىرى ھايات قېلىش ئۈچۈن پۈتۈنلەي ئىنسانىي ياردەملەرگە بېقىنىدۇ. ئوزۇق-تۈلۈك ياردىمىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە ئازىيىپ كېتىشى ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ ئاچارچىلىق خەۋپىگە ئىتتىرىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ پەقەت ھايات قېلىش ئۈچۈنلا ئامالسىز چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

بۇ كرىزىسنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي ياردەم زۆرۈر.

 2023-يىلى قاتتىق ئىقتىسادىي چەكلىمىلەر دۇنيا ئاشلىق تەشكىلاتىنى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق ئوزۇق تەمىناتىنى 12 دوللاردىن 8 دوللارغا چۈشۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى.»

دۇنيا ئاشلىق تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، ئىقتىسادىي ياردەم كەلگەندە ئوزۇق تەمىناتى كېيىنچە ئاشۇرۇلغان. قانۇنىي ئورنى، مۇساپىرلار لاگېرلىرىنىڭ سىرتىدا ھەرىكەت قىلىش ئەركىنلىكى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ياشاش پۇرسەتلىرى بولمىغان بىر ئاھالە ئۈچۈن، تەمىناتنى تېخىمۇ كۆپ قىسىش ئۇلارنى قوغداش ۋە بىخەتەرلىك خەۋپ – خەتەرلىرىنى كۆپەيتىۋېتىدىكەن.

ئىزدىنىڭ
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تېھران ئامېرىكاغا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر تەكلىپلىرىنى سۇندى
مالى مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بار تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇغا قارشى بىرلەشمەكتە
ئەردوغان كەچلىك زىياپەتتىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ترامپقا ئۇچۇر يوللىدى
ئامېرىكانىڭ «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۈچ كىشى ئۆلدى
كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا لىۋانغا ھۇجۇم قىلىپ 14 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
خاقان فىدان ئامېرىكا -ئىران سۆھبەتلىرىنى ئىرانلىق ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن مۇزاكىرىلەشتى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن پاكىستانغا قايتا بارىدۇ
ترامپ «يۇقىرى پارتلاش ئاۋازلىرى» بىخەتەرلىك سىگنالى پەيدا قىلغاندىن كېيىن تارقاقلاشتۇرۇلدى
ترامپ قوراللىق ھۇجۇمنىڭ ئىران ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىنى «توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يەرلىك سايلامدا چۈشكەن بېلەتلەرنى ساناش باشلاندى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئالتە پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
سىسى: «ئوتتۇرا شەرق خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىشقا قارىتىلغان قەستەن ئۇرۇنۇشلار بار»