نېتانياھۇ: ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلغان سۈرىيە تۇپراقلىرىدىن چېكىنمەيدۇ
سۈرىيە تەرەپ ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى سۈرىيە زېمىنىدىن چىقىپ كەتمىگۈچە، ھېچقانداق كېلىشىم تۈزۈلمەيدىغانلىقىنى كەسكىن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدى.
بېنيامىن نېتانياھۇ يەكشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئىشغال قىلىۋالغان رايونلاردىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىسرائىلىيە ئەلچىلىرى، دىپلوماتىك ئۆمەك باشلىقلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى قاتناشقان يىغىندا سۆز قىلغان نېتانياھۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ 2024-يىلى 8-دېكابىر سۈرىيەدىكى بەئەس تۈزۈمى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئىشغال قىلىنغان رايونلاردىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
نېتانياھۇ 1967-يىلىدىن بۇيان كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان گولان تۆپىلىكلىرىگە تۇتاش «تەڭپۇڭ رايون» ۋە شەيخ تېغى (ھەرمون تېغى) نى نەزەردە تۇتۇپ: «بىز بۇ ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىلارنى قوغداشنى خالايمىز» دېدى ھەمدە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىنى قورالسىزلاندۇرۇش مەسىلىسىدە دەمەشق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرەر كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1974-يىلدىكى قوشۇنلارنى ئايرىش كېلىشىمى
27-نويابىردا توقۇنۇشلارنىڭ كەسكىنلىشىشى ۋە 2024-يىلى 8-دېكابىردا 61 يىللىق بەئەس تۈزۈمىنىڭ گۇمران بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى كۈچەيدى. ئىسرائىلىيە ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى تاشلاپ كەتكەن ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلەرنى ۋەيران قىلىش بىلەن بىرگە، سۈرىيەگە تەۋە گولان تۆپىلىكلىرىدىكى ئىشغالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتتى.
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى گولان ئەتراپىدىكى تەڭپۇڭ رايونىغا كىرىپ، ئىشغالىيەتنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىتىش ئارقىلىق دەمەشىققىچە بولغان ئارىلىقنى 25 كىلومېتىر (15.5 مىل) غا قىسقارتتى.
ئىسرائىلىيە سۈرىيەگە تەۋە گولان تۆپىلىكلىرىنى 1967-يىلىدىن بېرى ئىشغال قىلىپ كەلمەكتە. ئىسرائىلىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا 1974-يىلى ئىمزالانغان «قوشۇنلارنى ئايرىش كېلىشىمى» دە، تەڭپۇڭ رايونلار ۋە قورالسىزلاندۇرۇلغان رايونلارنىڭ چېگراسى بېكىتىلگەن ئىدى.
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد شەيبانى ئىلگىرى بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيە سۈرىيە زېمىنىدىن تولۇق چېكىنىپ چىقمىغىچە، ئىسرائىلىيە بىلەن ھېچقانداق كېلىشىم تۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.