مەزكۇر قىسىم ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «دۈشمەن كۈچلىرى تۈنۈگۈن كېچە ھورمۇزگان ئۆلكىسىگە قاراشلىق سىرىك شەھىرىدىكى بىر ئالاقە مۇنارىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. بۇنىڭغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇش يۈزىسىدىن، ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىغا قاراشلىق ھاۋا ئارمىيەسى ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش رادارىنى ۋەيران قىلدى.»
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق زەربە ئامېرىكانىڭ ئىران ھاۋا بوشلۇقىغا خالىغانچە كىرىشىنى ۋە ھورمۇز بوغۇزىدىكى نېفىت ئەتكەسچىلىكىنى دەرھال توختىتىشى ئۈچۈن بېرىلگەن «جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش» ئىكەن. ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى ئەگەر بۇنداق قىلمىشلار يەنە سادىر بولسا، يەنىمۇ شىددەتلىك تاقابىل تۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن بۇ خىل ھەرىكەتلەرگە ئارىلاشقان شىركەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
نۆۋەتتە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە بەھرەين ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقە توغرىسىدا تېخىچە ئېغىز ئاچمىدى. ئىراننىڭ رەسمىي ئاخبارات ئورگىنى بولغان ئىرنا ئاگېنتلىقىمۇ سەل ئىلگىرى «دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ كېچىدە سىرىك شەھىرىگە پاراكەندىچىلىك سالغانلىقى» ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى.




















