ئامېرىكالىق ئوبزورچى سى ئاي ئى (CIA) نىڭ ئۆزىگە قارشى جاسۇسلۇق دېلوسى تەييارلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
داڭلىق ئامېرىكالىق ئوبزورچى تاكېر كارلسون (Tucker Carlson) دۇنيادا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھەممە ئادەم بىلەن پاراڭلىشىشنىڭ ئۆز خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئامېرىكالىق ئوبزورچى تاكېر كارلسون، مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ ئۆزىنى «چەتئەل دۆلىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
سابىق Fox News رىياسەتچىسى شەنبە كۈنى كەچتە X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان بىر سىنلىق باياناتىدا، مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ ئۆزىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئوقۇغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىرانغا ئۇرۇش ئېچىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئىرانلىقلار بىلەن پاراڭلاشقانلىقىنى بىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ سىندا: «مېنىڭ سادىقلىقىم پەقەت بىرلا دۆلەتكە، ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدۇر. دۆلىتىمگە قارشى ھەرگىز ھەرىكەت قىلمىدىم» دەپ تەكىتلىدى ۋە بۇ ئەيىبلەشتىن بىرەر نەتىجە چىقىشىنى كۈتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھېچقانداق دۆلەتتىن پۇل ئالمىغانلىقىنى ۋە بۇنى ئىسپاتلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كارلسون: «ئۈستىگە، داۋاملىق ھەممە ئادەم بىلەن سۆزلىشىش ۋە دۇنيادا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىش مېنىڭ خىزمىتىم. مەن ئەينەن مۇشۇ خىزمەت ئارقىلىق تۇرمۇشىمنى قامدايمەن» دەپ قوشۇمچە قىلدى.
ئامېرىكالىق ئوبزورچى يەنە: «قانۇنىي نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ دېلونىڭ بىمەنە ئىكەنلىكىنى ئويلايمەن» دېدى.
ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ مۇستەبىت بولۇشقا يۈزلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان كارلسون، ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۇرۇش قىغان ئامېرىكادا بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ بىر مەسخىرە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇرۇلۇش نۇقتىسى
كارلسون ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇش سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ABC News مۇخبىرى جوناتان كارلغا بەرگەن باياناتىدا، كارلسوننىڭ «يولىدىن ئادىشىپ قالغانلىقىنى» تەكىتلەپ جاۋاب قايتۇردى.
ترامپ: «بۇنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرىلا بىلەتتىم، ئۇ MAGA (ئامېرىكانى قايتىدىن ئۇلۇغ قىلايلى گۇرۇھى) ئەمەس. MAGA دۆلىتىمىزنى قۇتقۇزۇۋاتىدۇ» دېدى.
يېقىنقى يىللاردا، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقى باشلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئوڭ قانات كۈچلىرى ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپلىرى كۆرۈلدى ۋە بۇ ئەھۋال ئىرانغا قارشى ئۇرۇش مەسىلىسى بىلەن تېخىمۇ يامانلاشتى.
سىيونىزم تەرەپدارلىرى كارلسون، كاندېس ئوۋېنس (Candace Owens) ۋە نىك فۇئېنتېس (Nick Fuentes) غا ئوخشاش شەخسلەرنى، بۇ مەسىلىلەردە سىيونىزمغا قارشى پوزىتسىيە تۇتقانلىقى ئۈچۈن تەنقىد قىلماقتا.
ھەتتا Turning Point USA نىڭ قۇرغۇچىسى چارلى كىرك (Charlie Kirk) مۇ ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارىتا ئۆتكەن ئىيۇل ئېيىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىغا قارشى پوزىتسىيەدە بولغان ئىدى.
ئوۋېنس كارلسوننىڭ باياناتى ئۈسىتىدە توختىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كارلسوننىڭ كەينىگە چۈشۈش ئارقىلىق سۆۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرى سىستېمىسى بولغان «گۇلاگ» ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئوۋېنس X قانىلىدا: «ئەگەر تاكېرنى نىشانغا ئالسا، بىز تاڭ سەھەردە يولغا چىقىمىز. بۇ يەردە دەيدىغان باشقا سۆز يوق» دېدى.