غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
گۇتېررېس ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۇرۇش توختىتىشنى قوللاشقا چاقىردى
ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئەزا دۆلەتلەردىن غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشى، جىنايەتچىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىشنى تەلەپ قىلدى.
00:00
گۇتېررېس ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۇرۇش توختىتىشنى قوللاشقا چاقىردى
БҰҰ Бас хатчысы Антонио Гуттерес 2024-жылдың 19-декабрида Қауіпсізлик кеңешиниң сессиясида катнашти. / AFP

ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قاتناشقان ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك يىغىندا سۆز قىلدى.

ئۇ ئوتتۇرا شەرقنىڭ چوڭقۇر بۇرۇلۇش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ رايون ئېنىقسىزلىققا تولغان، ئەمما پۇرسەتلەرمۇ بار. ئوتتۇرا شەرق قايتا شەكىللىنىۋاتىدۇ، بۇ جەريان نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس» دېدى.

ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئوتتۇرا شەرقنىڭ بۇ داۋالغۇش دەۋرىدىن تىنچلىق، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئۈمىدكە تولغان ئۇپۇق بىلەن چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز.»

ئۇ غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش ۋە مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئىنتىزار بولغان «خاتىرجەملىك» بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ غەززەگە 630 دىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يۈك ماشىنىسىنىڭ يېتىپ بارغانلىقىنى، تەرەپلەرنىڭ كېلىشىمنى تولۇق ئىجرا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ كېلىشىمنىڭ بارلىق ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ۋە غەززەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشقا سەۋەب بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ تۆۋەندىكى ئوخشىمىغان تۆت مەسىلىگە تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىرىنچىسى، ب د ت يېقىن شەرقتىكى پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش ئاگېنتلىقى پائالىيەتلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىماستىن داۋاملىشىشى. ئىككىنچىسى، ياردەملەرنىڭ بىخەتەر مۇھىتتا كۆپەيتىلگەن ھالدا موھتاجلارغا يەتكۈزۈلۈشى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ قايتىدىن ئورنىتىلىشى. ئۈچىنچىسى، ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ياردەملەرگە ئېرىشىش، بولۇپمۇ تىببىي يۆتكەش تەلەپ قىلىنىدىغان بىمارلار ئۈچۈن خەلقئارالىق غا ياردەمنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى. تۆتىنچى، پۇقرالارنىڭ قوغدىلىشى بىلەن پۇقرالارنىڭ بىخەتەر ھالدا يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشى ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىدۇر» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا: «مەن ب د ت ۋە بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنى غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى، توقۇنۇشلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇشنى، جىنايەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇشنى قوللاشقا چاقىرىمەن» دېدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى