تۈركىيە
2 min read
ئەردوغان قاھىرەدە پەزەشكىيان، سىسى ۋە شېرىف بىلەن كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاھىرەدە ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان، مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى ۋە پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف بىلەن كۆرۈشتى.
00:00
ئەردوغان قاھىرەدە پەزەشكىيان، سىسى ۋە شېرىف بىلەن كۆرۈشتى
ئەردوغان قاھىرەدە پەزەشكىيان، سىسى ۋە شېرىف بىلەن كۆرۈشتى / TRT Uyghur

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالدى بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان بىلەن كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەرەققىي قىلىۋاتقان سەككىز دۆلەت (د-8) تەشكىلاتىنىڭ 11-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە زىيارەتتە بولغان  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ يەردە ئىران پىرېزىدېنتى پەزەشكىيان بىلەن كۆرۈشكەن.

ئەردوغان كۆرۈشۈشتە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ تېررورىزم پۈتۈنلەي يوقىتىلغان، مۇساپىرلار ئىختىيارىي يوسۇندا، ئىززەت-ھۆرمىتى قوغداپ قېلىنغان ئاساستا قايتالايدىغان شەكىلدە قايتا قۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەردوغان يەنە، سۈرىيەنىڭ مۇقىملىققا ئېرىشىشى، تېزدىن ئەسلىگە كېلىشىنىڭ بارلىق رايونلۇق ۋە خەلقئارا كۈچلەرنىڭ تۆھپىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئەردوغان قاھىرەدە  مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كۆرۈشۈشتە، تۈركىيەنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىگە ئىگە مىسىر بىلەن مۇداپىئە سانائىتى، ئېنېرگىيە، قاتناش ۋە تەرەققىيات قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزئارا سودا سوممىسىنى 15 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

سۈرىيە خەلقىنىڭ ئۇدا 13 يىلدىن بۇيان ناھايىتى ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ئەردوغان، سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەيدىغانلىقىنى، بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ مۇھىملىقىنى، سۈرىيەنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ۋە ئىچكى جەھەتتىن تىنچلىق كېلىشىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنى قوللىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كۆرۈشۈشتە، غەززەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە سىجىل ئۇرۇش توختىتىشنى تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى، ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ رايونغا ئۈزۈلۈپ قالماي يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشىنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاھىرەدە پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف بىلەنمۇ كۆرۈشكەن.

كۆرۈشۈشتە تۈركىيە-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان.

ئەردوغان كۆرۈشۈشتە، تۈركىيەنىڭ پاكىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە قارشى ھەردائىم پاكىستان بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن، شۇنداقلا پاكىستان ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن  داۋاملىق خىزمەت ئىشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەر باسقۇچىدا سۈرىيە خەلقى بىلەن داۋاملىق ھەمنەپەس  بولىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەتكەسچى ئۆلدى
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 9 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقلىرىنى فلورىدادا باشلىدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: تۈركىيە ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم بىر كاپالەت
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ناتو بالتىق دېڭىزىدا كىچىك كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋانغا ئىچكىرىلەپ كىرمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پارىس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇملارنى قىلدى
تروپىكال بوران-چاپقۇنى «ژاڭمى» (Jangmi) ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سودا ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە باردى