سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇبىيو سۈرىيەگە ئالاقىدار «تېررورچى» تىزىملىكىنىڭ قايتا كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى
رۇبىيو سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن بولغان سۆھبىتى جەريانىدا، ئامېرىكانىڭ سۈرىيەگە ئالاقىدار «تېررورچى» تىزىملىكىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى.
رۇبىيو سۈرىيەگە ئالاقىدار «تېررورچى» تىزىملىكىنىڭ قايتا كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى
/ Reuters

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەششار ئەسەد ۋە باشقىلارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگونىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىنىڭ ئامېرىكا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ «تېررورلۇق» تىزىملىكىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونىڭ سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسئەد ھەسەن شەيبانى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېررورلۇق تىزىملىكىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنى ئويلىشىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان.

رۇبىيو يەنە، ئامېرىكانىڭ ئىلگىرى سۈرىيەگە قاراتقان ئېمبارگونى يېنىكلىتىش ئۈچۈن قوللانغان ھەرىكەتلىرىنى تىلغا ئالغان.

ئۇ، قانداقلا بولمىسۇن، ۋاشىنگتون «يامان نىيەتلىك كۈچلەر» دەپ ئاتايدىغان، جۈملىدىن بەششار ئەسەد ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا قاراتقان ئېمبارگونى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تەممىي برۇسنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، رۇبىيو ۋاشىنگتوننىڭ «بەششار ئەسەد، ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى ۋە سۈرىيە ھەمدە خەلقئارا بىخەتەرلىككە تەھدىت سالىدىغان باشقىلارغا قاراتقان ئېمبارگونى داۋاملاشتۇرۇش» نىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنە بۇ قەدەملەرنىڭ ئامېرىكا-سۈرىيە مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىشىنى ۋە سۈرىيە خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئىككى ئەمەلدار يەنە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى، ئىران، ئىسرائىلىيە-سۈرىيە مۇناسىۋىتى ۋە سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللار پىروگراممىسىنىڭ ھەرقانداق قالدۇق ئېلېمېنتلىرىنى يوقىتىش تىرىشچانلىقى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

بۇ تېلېفون سۆھبىتى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو پىروگراممىسىنى ۋە سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك جىددىي ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىجرائىيە بۇيرۇقىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن.

ترامپ 13-ماي سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەبلەغ سېلىش مۇنبىرىدە بۇ ھەرىكىتىنى ئېلان قىلىپ، ئېمبارگونى «رەھىمسىز ۋە پالەچ قىلىدىغان قەدەم» دەپ ئاتىغانىدى.

بىر كۈندىن كېيىن، ئۇ رىيادتا سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا بىلەن تارىخىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن؛ بۇ ئۇچرىشىش ئامېرىكا ۋە سۈرىيە رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى 25 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى ئۇچرىشىش سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن  ئورۇن ئالغانىدى.

ئامېرىكا سۈرىيەگە ئوچۇق پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سۈرىيەگە «بىر پۇرسەت بېرىش» ئۈچۈن ئېمبارگونى بىكار قىلغانلىقىنى ئېيتقان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بولسا، ۋاشىنگتوننىڭ مۇقىم ۋە بىر پۈتۈن سۈرىيەنى قوللاش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قەدەم تاشلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

رۇبىيو بۇ قەدەمنىڭ ترامپنىڭ ئامېرىكانىڭ ئېمبارگولىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش قارارىدىن كېيىن ئېلىنغانلىقىنى ئېيتىپ، ئامېرىكانىڭ تەدبىرلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىگە توسالغۇ بولمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغانىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 2011-يىلى باشلانغان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنى زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇشىغا قارىتا سۈرىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانىدى.

بۇ تەدبىرلەر مال-مۈلۈكلەرنى توڭلىتىش، پۇل-مۇئامىلە ھەرىكىتى ۋە تېخنىكىغا ئېرىشىشىنى چەكلەش، ھاكىمىيەت بىلەن بولغان ئالاقىنى مەنئى قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى