ب د ت باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى فارھان ھەق كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، تۈنۈگۈن ۋە ئۇنىڭدىن ئالدىنقى كۈنى غەززەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نۇرغۇن ھاۋا ھۇجۇمى، زەمبىرەك ئوقى، بىنالارنى پارتلىتىپ ۋەيران قىلىش، دېڭىزدىن ئوق چىقىرىش ۋە قوراللىق ھۇجۇم قاتارلىقلارنىڭ خاتىرىلەنگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەقەلەر بولۇپمۇ «سېرىق سىزىق» دەپ ئاتىلىدىغان چېگرانىڭ غەربىدە يۈز بەرگەن.
ھەق: «پۇقرالار ۋە پۇقرالار ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز» دېدى.
ئۇ ب د ت ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ غەززەگە جىددىي ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بىراق كىرىۋاتقان ياردەمنىڭ ئېھتىياجنى قاندۇرۇشقا يەتمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەق: «ھەمكارلىرىمىزنىڭ ئېيتىشىچە، مەبلەغ يېتىشمەسلىكى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ توسالغۇلىرى ياردەم خىزمەتلىرىنى چەكلىمەكتە. موتور مېيى ۋە زاپاس زاپچاس قاتارلىق مۇھىم بۇيۇملارنىڭ كىرگۈزۈلۈشىگە قويۇلغان چەكلىمىلەر، شۇنداقلا غەززە زېمىنىنىڭ %64 تىن كۆپرەكىگە بېرىشنىڭ چەكلىنىشىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە» دېدى.




















