چېگرا ھالقىغان دوختۇرلار تەشكىلاتى (MSF)، ئىسرائىلىيەنىڭ تۈنۈگۈن غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇس شەھىرىگە جايلاشقان ناسىر دوختۇرخانىسىغا قىلغان جانغا زامىن بولغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
MSF بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلدى.
تۈنۈگۈن كېچىدە ناسىر دوختۇرخانىسىغا قىلىنغان ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ئالدىدا چوڭقۇر ۋەھىمە ۋە غەزەپ ھېس قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، مەزكۇر قانلىق ھۇجۇم قاتتىق ئەيىبلەندى.
باياناتتا دوختۇرخانىنىڭ ئوپېراتسىيە بۆلۈمى بىناسىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلىپ: «ھۇجۇم، بىر بالا ۋەبىر1 تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە، 52 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولدى» دېيىلدى.
ھۇجۇمدىن ئىلگىرى ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، تەشكىلاتنىڭ يارىلانغانلار ئارىسىدىكى جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىنىشى زۆرۈر بولغان 2 دوختۇر بىلەن 1 بىمارنى دوختۇرخانىنىڭ باشقا بىر بىناسىدا داۋالاشقا باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:
«دوختۇرخانىنىڭ ياتاقلىق بىمارلار بۆلۈمى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى؛ جىددىي قۇتقۇزۇش، رادىيولوگىيە، تەجرىبىخانا ۋە ئوپېراتسىيە بۆلۈملىرى ھازىرچە مۇلازىمەت قىلالمايدىغان ھالغا كەلدى. ناسىر تېببىي مەركىزى تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭ كىشىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئوپېراتسىيە ۋە كەسپىي داۋالاش خىزمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى ئاساسلىق دوختۇرخانىدۇر. جان قۇتقۇزۇلىدىغان بىر جاي بولغان دوختۇرخانىنىڭ ئىچىدىلا بىمارلار بىلەن سەھىيە خادىملىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە يارىلاندۇرۇلۇشى قوبۇل قىلغۇسىز بىر تىراگېدىيەدۇر.»
ناسىر دوختۇرخانىسىنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان كەم دېگەندە 6 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، شۇنداقلا قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرى ۋە زەمبىرەك ئوقلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
«خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئاساسەن دوختۇرخانىلار ھۆرمەتلىنىشى ۋە بۇ بىنالار قوغدىلىشى كېرەك»
باياناتتا تۆۋەندىكىلەر قەيت قىلىندى:
«خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئاساسەن دوختۇرخانىلار ھۆرمەتلىنىشى ۋە بۇ بىنالار قوغدىلىشى كېرەك. غەززەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دوختۇرخانىلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملار ھەرگىزمۇ نورمال ياكى قوبۇل قىلارلىق دەپ قارالمايدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى پۇقرالار ئۈچۈن كۈندىن-كۈنگە ۋەيران قىلغۇچ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. پەقەت 30-ئاۋغۇست بىلەن 12-نويابىر ئارىلىقىدىلا پۈتۈن غەززە بويىچە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلار قاتناشقان كەم دېگەندە 567 قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمى يۈز بەردى.»
دۇنيا رەھبەرلىرىنى قۇرۇق ئەيىبلەش باياناتلىرى بىلەنلا چەكلەنمەي، غەززەدىكى بىمارلارنى، تېببىي خادىملارنى ۋە سەھىيە ئورۇنلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەلىي قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىرغان مەزكۇر باياناتتا، سەھىيە مۇلازىمەتلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملارغا سۈكۈت قىلىشقا بولمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.




















