خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ج د ۋانىس ئامېرىكانىڭ قىزىل سىزىقلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىمىنىڭ ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئېرىشمەسلىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
ۋانس ۋاشىنگتوننىڭ مۇھىم يادرو مەسىلىلىرىدە مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (سۈرەت: ھۆججەت) / Reuters

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ج د ۋانىس، پاكىستاندا ئىران بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى، ئەمما ھورمۇز بوغۇزىنىڭ پۈتۈنلەي قايتىدىن ئېچىلماسلىقىنىڭ مۇزاكىرىلەرنىڭ يۆنىلىشىنى «تۈپتىن» ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ۋانىس دۈشەنبە كۈنى «فوكس خەۋەرلىرى» گە بەرگەن سۆھبىتى جەريانىدا مۇنداق دېدى: «مەن پەقەت ئىشلارنىڭ ناچار كېتىۋاتقانلىقىنىلا ئېيتالمايمەن. مېنىڭچە ياخشى كېتىۋاتقان ئىشلارمۇ بولدى. بىز نۇرغۇن ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق».

ۋاشىنگتوننىڭ سۆھبەتلەر جەريانىدا مۇزاكىرە مەيدانىنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋانىس، بۇلارنىڭ ئارىسىدا «ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ياخشى بىر كېلىشىم قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ھېس قىلىشى ئۈچۈن چوقۇم كۆرۈشى كېرەك بولغان ئامىللار»نىڭمۇ ئورۇن ئالغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ۋانىس، «بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسلىي مەسىلە، ئىرانلىقلارنىڭ يېتەرلىك تەدبىرچانلىققا ئىگە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى شۇنداقلا ئىشلارنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن بىز كۆرۈشىمىز كېرەك بولغان ھالقىلىق نۇقتىلارنى قوبۇل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىدۇر» دېگەنلەرنى قەي قىلدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ قىزىل سىزىقلىرىنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئېيتقان بىرىنچى نومۇرلۇق مەسىلە شۇكى؛ ئىران قەتئىي يادرو قورالىغا ئىگە بولالمايدۇ. شۇڭلاشقا بىزنىڭ بارلىق قىزىل سىزىقلىرىمىز مانا مۇشۇ ئاساسىي پىرىنسىپتىن كېلىپ چىقماقتا» دېدى.

ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى قايتىدىن ئېچىش يۆنىلىشىدە داۋاملىق قەدەم تاشلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ۋانىس، بۇنى يەرشارىۋى ئىقتىسادىي مۇقىملىق ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ باھالىدى.

ۋانىس: «ئۈمىدىمىز شۇكى، ئىرانلىقلار ھورمۇز بوغۇزىنى ئېچىش مەسىلىسىدە داۋاملىق ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك؛ ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، بۇ ئەھۋال بىز ئۇلار بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان مۇزاكىرىلەرنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ» دېدى.

«توپ ئۇلارنىڭ مەيدانىدا»

ۋانىس ۋاشىنگتوننىڭ، ئىراننىڭ قويۇلدۇرۇلغان ئۇران زاپىسىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىلىشى ۋە تېھراننىڭ يادرو قورالى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق تەكشۈرۈپ دەلىللەش تەدبىرلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىغا ئوخشاش ئاساسلىق يادرو مەسىلىلىرىدە «تەدبىرچانلىققا ئىگە ئەمەسلىكىنى» تەكىتلىدى.

«قويۇلدۇرۇلغان ماتېرىياللار ئىراننىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ يادرو قورالى تەتقىق قىلىپ ياسىمايدىغانلىقىغا دائىر قەتئىي ۋەدىسىنى ئېلىشىمىز شەرت» دېگەن ۋانىس، «توپنىڭ ئەمدى پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ مەيدانىدا ئىكەنلىكى»نى ئىلگىرى سۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىرانلىقلارنىڭ مەسىلىلەرنى قانداق مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىغا دائىر بەزى ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۇق دەپ قارايمەن ۋە بىزنىڭ پاكىستاندىن ئاخىرىدا ئايرىلىش سەۋەبىمىزمۇ شۇ ئىدى» دېدى.

ئۇ يەنە: «ئۇ يەردىكى ئەترەت بىرەر ئورتاق تونۇشقا كېلەلمىدى، دەپ ئويلايمەن، ئۇلار يا دىنىي رەھبەردىن ۋە ياكى باشقا بىرىدىن بىز بېكىتكەن شەرتلەر ئۈچۈن تەستىق ئېلىش مەقسىتىدە تېھرانغا قايتىشقا مەجبۇر بولدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا بىلەن ئىران ھەپتە ئاخىرىدا پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىدە بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، ئەمما بۇ سۆھبەتلەر ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلىنالماستىن ئاخىرلاشقانىدى. سۆھبەتلەر بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئىككى ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغانىدى.

پاكىستاندىكى بۇ مۇزاكىرىلەر، ھەل قىلىنىشنى كۈتۈۋاتقان نېگىزلىك ئىختىلاپلارغا قارىماي، 1979-يىلىدىن بۇيانقى ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىش سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالدى.

 

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: «تۈركىيە دۇنيادا ئوخشىشى ئاز ئۇچرايدىغان بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىنى يازماقتا»
ئىران ئامېرىكانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي كىيېۋدىكى دىپلوماتلىرىنى چېكىندۈرمەيدۇ
بىشكەكتە 10-نۆۋەتلىك تۈركىيە-قىرغىزىستان تۈرك كىنو كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ
رۇسىيە چەتئەللىكلەرگە ۋە دىپلوماتلارغا كىيېۋدىن ئايرىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى
شۋېتسىيە تاماكا چېكىش نىسبىتىنىڭ %5 نىڭ ئاستىغا چۈشۈشى بىلەن تاماكا چېكىلمەيدىغان دۆلەتكە ئايلاندى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىنى «ۋەھشىي/يىرتقۇچ» دەپ سۈپەتلىدى
تەخمىنەن 2 مىليون مۇسۇلمان ھەج ئۈچۈن مىناغا يۈزلەندى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى "25-ماي ئافرىقا كۈنى" ھەققىدە بايانت ئېلان قىلدى
زېلېنسكىي تۈنۈگۈن رۇسىيە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان كىيېۋ ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئايروپىلانى رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن جايدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى
فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا مۇزاكىرىلىرىدە ياۋروپاغا ۋەكىللىك قىلىشقا تەييار
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئافرىقا كۈنى ۋە ئافرىقا بىرلىكىنىڭ قۇرۇلغانلىق خاتىرە يىلىنى تەبركلىدى
مالايسىيا غەززە كېمە ئەترىتى ئاكتىپىستلىرى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارا سوتقا ئەر سۇنىدۇ