سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئىستانبۇلدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئەڭ چوڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق سۆھبىتى جەريانىدا، ئەڭ چوڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئىستانبۇلدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئەڭ چوڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
/ AA

ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇستەم ئۆمەروۋ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردىن كېيىن، ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ تۈزۈلگەنلىكىنى، كېلىشىمگە ئاساسەن، ھەر ئىككى تەرەپتىن 1000 دىن ئەسىرنىڭ ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇستەم ئۆمەروۋ جۈمە كۈنى بايانات بېرىپ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۆمەروۋ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، بۇ كېلىشىمنىڭ يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىت بېكىتىلگەنلىكىنى، لېكىن ھازىرقى باسقۇچتا ئۇنىڭ ئاشكارىلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «يىغىن ئاخىرلاشتى. ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. ھازىر 1000 ئەسىرنى 1000 ئەسىر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا كېلىشتۇق. يىغىنىمىزنىڭ نەتىجىسى مۇشۇنداق بولدى» دېدى.

«ئومۇمىي جەھەتتىن رازى»

ئۇكرائىنا بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردە رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە رەھبەرلىك قىلغان ۋلادىمىر مېدىنسكىي، موسكۋانىڭ يىغىن نەتىجىسىدىن «ئومۇمىي جەھەتتىن رازى» ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئالاقىلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىنىستىر خاقان فىدان دولماباھچە سارىيىدىكى تەخمىنەن 1 سائەت 45 مىنۇت داۋاملاشقان سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان.

تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MİT) باشلىقى ئىبراھىم قالېنمۇ ئورۇن ئالغان.

فدان ئېچىلىش نۇتقىدا رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەمدە تۈرك مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلەرگە خىتاب قىلىپ، «تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك. ھەر بىر كۈن كېچىكىش تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن.

رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ياردەمچىسى ۋلادىمىر مېدىنسكىي رەھبەرلىك قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىدە يەنە رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مرۇئاۋىنى مىخائىل گالۇزىن، ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىگور كوستىيۇكوۋ، مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئالېكساندىر فومىن ۋە باشقا ئەمەلدارلار بار ئىدى.

ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بولسا ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇستەم ئۆمەروۋ رەھبەرلىك قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ئۇكرائىنا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگىي كىسلىتسيا، دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى ئولېكساندىر پوكلاد، تاشقى ئىستىخبارات ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى ئولېھ لۇھوۋسكىي، پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مەسلىھەتچىسى ئولېكساندىر بېۋز ۋە باشقا ئەمەلدارلار بار ئىدى.

ئىزدىنىڭ
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
بېرلىندا ئامما ئارىسىغا بىر ئاپتوموبىل بېسىپ كىردى. 1 كىشى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»
ئىتالىيەدە ئورمان ئوت ئاپىتى چىقىرىش ئۈچۈن مۆشۈكلەرنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىقلاندى
پەسىللىك يامغۇر ھىندىستانغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى. 50 كىشى ئۆلۈپ، 700 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانسىز قالدى
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى