سۈرەتلەردە، غاززەدىكى خىرىستىيانلار پاسخا بايرىمىنى تەبرىكلىمەكتە
سۈرەتلەردە، غاززەدىكى خىرىستىيانلار ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىشىغا قارىماي پاسخا بايرىمىنى تەبرىكلىمەكتە.
غەرب كالېندارىغا ئەگىشىدىغان غاززەدىكى چېركاۋلار، ئۇرۇش ۋە ئېغىر ئىنسانىي قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئەيسانىڭ تىرىلىشىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملارغا قاتناشقانلار بىلەن بىرگە پاسخا بايرىمىنى تەبرىكلىمەكتە.
داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش ۋە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، غاززەدىكى خىرىستىيانلار غاززە شەھىرىدىكى مۇقەددەس ئائىلە چېركاۋىدا جەم بولۇپ، غەرب كالېندارىغا ئاساسەن پاسخا بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
ئېغىر ئىنسانىي شارائىتلار ئاستىدا دىنىي ئەنئەنىلىرىگە سادىق قالغان خىرىستىيانلار، ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلىشىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇراسىملارغا قاتناشتى.
ئىسرائىلىيە 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردە باشلىغان ھەربىي ھەرىكەتتىن بۇيان، غاززەدىكى خىرىستىيان جەمئىيىتىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى ئۆي ۋە چېركاۋلارغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
كەلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاساسىي ئېھتىياج بۇيۇملىرىدىكى قىسلىق پاسخا بايرىمىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. توك، سۇ ۋە ئەنئەنىۋى پاسخا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىلىدىغان تۇخۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېمەكلىك زاپاسلىرى بارغانچە ئازايماقتا.
ئىسرائىلىيە يىللاردىن بۇيان غاززەگە كىرىدىغان ۋە ئۇ يەردىن چىقىدىغان ماللارنىڭ ئايلىنىشىنى كونترول قىلىپ كەلگەن بولۈپ، تىلغا ئېلىنغان قامال ھازىرقى ھەرىكەت جەريانىدا تېخىمۇ كۈچەيدى.
غاززەدىن كەلگەن سۈرەتلەر، پاسخا بايرىمىنىڭ قىسلىق ۋە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش مۇھىتىدا قانداق تەبرىكلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.