ئەردوغان: تۈركىيە ھازىر ئۆز سۈنئىي ھەمراسىنى ئىشلەپچىقارالايدىغان 11 دۆلەتنىڭ بىرى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «<تۈركسات 6ئا>نىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن، تۈركىيە سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا قاپلايدىغان نوپۇسى 3.5 مىلياردتىن 5 مىلياردقا يېتىدۇ» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراسىنى ئىشلەپچىقارالايدىغان 11 دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن <تۈركسات 6ئا>نى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئەردوغان، <تۈركسات 6ئا نىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن تۈركىيە سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا قاپلايدىغان نوپۇسىنىڭ 3.5 مىلياردتىن 5 مىلياردقا يېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر بىلەن بىرگە تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك سۈنئىي ھەمراھ ماركىسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ۋە دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى شىركىتىنى قۇرۇش جەھەتتە مۇھىم پۇرسەتكە ئىگە بولغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.