ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ زاپىسى تۇنجى قېتىم 200 مىليارد دوللاردىن ئاشتى
تۈركىيە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك تۈركىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئومۇمىي زاپىسىنىڭ تەخمىنەن 107 مىليارد دوللار ئېشىپ، 205 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ زاپىسى تۇنجى قېتىم 200 مىليارد دوللاردىن ئاشتى
تۈركىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ زاپىسى تۇنجى قېتىم 200 مىليارد دوللاردىن ئاشتى / AA

پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكىسىنىڭ رەسمىي خەلقئارالىق زاپاسلىرى 16-يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇنجى قېتىم 200 مىليارد دوللارلىق چەكتىن ئېشىپ كەتكەن.

بانكا ئالدىنقى ھەپتە 196 مىليارد 100 مىليون دوللار بولغان زاپاسنىڭ %4.6 (يەنى 9 مىليارد 100 مىليون دوللار) ئېشىپ، 205 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان چەت ئەل پۇلى تۈرىدىكى زاپاسلار بولسا ئالدىنقى ھەپتىگە سېلىشتۇرغاندا %6.7 ئېشىپ، 76 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتكەن.

بانكىنىڭ (ئالتۇن ئامانەت پۇللىرى ۋە ماس كېلىدىغان ئالتۇن پېرېۋوتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) ئالتۇن زاپاسلىرى ئوخشاش مەزگىلدە %3.7 ئېشىپ، 121 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

بانكىنىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى دىكى ئومۇمىي زاپاس ئورنى ۋە ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى %0.2 ئازىيىپ، 7 مىليارد 700 مىليون دوللارغا تۆۋەنلىگەن.

تۈركىيە خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەمەت شىمشەك يولغا قويۇلغان پىروگرامما سايىسىدا ئۇمۇمىي زاپاسنىڭ تەخمىنەن 107 مىليارد دوللار ئېشىپ، 205 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىمشەك تۈركىيەنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«پېرېۋوتلار (Swap) نى ھېسابقا ئالمىغاندا، ساپ زاپاستىكى ئېشىش 139 مىليارد 300 مىليون دوللار بولدى. خەلقئارالىق ئۆلچەملەر بويىچە زاپاسنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.»

مىنىستىر شىمشەك 143 مىليارد دوللارلىق شەرتلىك مەجبۇرىيەتتىن قۇتۇلۇش مۇساپىسىنى تاماملاش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ۋە بۇنىڭ چەت ئەل پۇلى ئورنىدا جەمئىي 280 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان بىر ياخشىلىنىشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ماكرو پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنىڭ كۈچىيىشى خەتەر نىسبىتىمىزنىڭ تۆۋەنلىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشماقتا ۋە ئىقتىسادىمىزنى تاشقى تەسىرلەرگە قارشى تېخىمۇ چىداملىق ھالغا كەلتۈرمەكتە.»

ئىزدىنىڭ
نىگېرىيەنىڭ پلاتېئو ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ھۇجۇمدا 9 كىشى قازا قىلدى
كانادادا سىناگوگ ئالدىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا بىر ساقچىنى قوشقاندا، ئىككى كىشى يارىلاندى
جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورېيەنى ئايرىپ تۇرىدىغان رايوندىكى پارتلاشتا  3 ئوفىتسېر يارىلاندى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنادا ئەشيا ئوبوروت مەركەزلىرىگە، پورتلارغا ۋە پاراخوتلارغا زەربە بەردۇق»
ترامپ: پۈتۈن ئىراننى پارتلىتىۋېتەلەيمەن
ھەلەبتىكى ھەربىي رايوندا يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا تۆت كىشى يارىلاندى
ترامپ ئۇكرائىنا، ئەنگلىيە ۋە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى