ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خامچوتىنى % 50 قىسقارتىشنى پىلانلىماقتا
بۇ ھەقتىكى دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئورگىنىغا ، 2026-مالىيە يىلى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان خامچوتتىن 27 مىليارد دوللار قىسقارتىلىپ، 28 مىليارد 400 مىليون دوللار ئاجرىتىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ترامپنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خامچوتىنى % 50 قىسقارتىشنى پىلانلىماقتا
During Trump's first term, he proposed cutting about a third of US diplomacy and aid budgets. But Congress, which sets the federal US government budget, pushed back on Trump's proposal. / Reuters

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھاكىمىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خامچوتىنى تەخمىنەن % 50 قىسقارتىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن. 

دۈشەنبە كۈنى «‹Washington Post› گېزىتى» تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان قارارنامەگە ئاساسلانغاندا، 2026-مالىيە يىلى ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان خامچوت پىلانىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە خەلقئارا تەرەققىيات ئورگىنىغا 28 مىليارد 400 مىليون دوللار ئاجرىتىلىشى پىلانلانماقتا ئىكەن. بۇ رەقەم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 2025-يىلى ئۈچۈن تەستىقلىغان خامچوتتىن 27 مىليارد دوللار تۆۋەن ئىكەن. 

مەزكۇر قارارنامەگە قارىغاندا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەبلەغلىرىنى %54، دۇنياۋى سەھىيە مەبلەغلىرىنى %55 قىسقارتىش مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن. 

 شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق 20 خەلقئارالىق تەشكىلاتقا بېرىلىدىغان ياردەملەر پۈتۈنلەي توختىتىلىدىكەن، لېكىن خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ۋە خەلقئارا پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە ئورگىنى قاتارلىق بەزى تەشكىلاتلارغا مەقسەتلىك تۆھپە قوشۇش داۋاملاشتۇرۇلىدىكەن. 

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى % 54 كېمەيتىلىدىكەن، يەر شارى خاراكتېرلىك سەھىيە مەبلىغى % 55 ئازايتىلىدىكەن.

بۇ قىسقارتىش پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. ئەمما بۇ قىسقارتىشلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە قارشىلىققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

 ياردەم مەبلەغلىرىنى كەڭ دائىرىلىك قىسقارتىش پىلانى

 بۇ مۇنازىرىلەر، ترامپ ھاكىمىيىتى ۋە مىلياردېر ئېلون ماسكنىڭ «ھۆكۈمەت ئۈنۈمدارلىقى باشقارمىسى» نىڭ فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنى تېز سۈرئەتتە ۋە كەڭ كۆلەمدە كىچىكلىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا.  دەرۋەقە، بۇ تىرىشچانلىقلار مىلياردلارچە دوللارلىق خىراجەتنى توختىتىش ۋە مىڭلىغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىشىنىمۇ نىشان قىلماقتا ئىكەن.

 ترامپ دەسلەپكى پرېزىدېنتلىق دەۋرىدە ئامېرىكانىڭ دىپلوماتىيە ۋە ياردەم خامچوتلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى توختىتىش توغرۇلۇق تەكلىپ سۇنغانىدى. لېكىن فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خامچوتىنى بېكىتىدىغان دۆلەت مەجلىسى ترامپنىڭ بۇ تەكلىپىگە قارشى چىققانىدى. 

ئەسكەرتمىلەرگە قارىغاندا، باشقا تەكلىپلەر تاشقى ياردەملەرنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ بىكار قىلىنىشى، HIV ئۈچۈن ئازراق مەبلەغنى ھېسابقا ئالمىغاندا دۇنياۋى سەھىيە مەبلىغىنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بېرىلىدىغان مەبلەغنىڭ توختىتىلىشى، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا ياردەم بېرىدىغان ئاساسلىق ئىشخانىنىڭ تاقىلىشى، بىر تۈركۈم مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر پىروگراممىلىرىغا خاتىمە بېرىلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز