تۈركىيەدە سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى يوشۇرۇن كۈچىنى باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

تۈركىيەدە سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى يوشۇرۇن كۈچىنى باھالاش ئۈچۈن ھالقىلىق مىنېرال ماددىلار مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان يېڭى بىر ئىدارە قۇرۇش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

By
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى، كالىفورنىيە شتاتىنىڭ تاغ ئېغىزىدىكى Molycorp شىركىتىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان يەر مىنېرال ماددىلار ئەسلىھەسىدە، ئاز ئۇچرايدىغان يەر مىنېرال ماددىلار ئەۋرىشكىلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان. / Reuters

سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى (كەم ئۇچرايدىغان ئېلېمېنتلار) ۋە ھالقىلىق مىنېرال ماددىلارنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ۋە گېئوپولىتىك ئەھمىيىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ساھەنىڭ ۋەكىللىرى تۈركىيەنىڭ كانچىلىق يوشۇرۇن كۈچىنى باھالاش ئۈچۈن قانۇنىي بىر ئاپپارات قۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تۈركىيەدە سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى يوشۇرۇن كۈچىنى باھالاش ئۈچۈن ھالقىلىق مىنېرال ماددىلار مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان يېڭى بىر ئىدارە قۇرۇش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئۇچۇر تۈركىيە سودا-سانائەت ئاپپاراتلىرى ۋە بىرژىلار بىرلەشمىسى (TOBB) كانچىلىق كېڭىشىنىڭ باشلىقى تەرىپىدىن ئاشكارىلاندى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلغان ئىبراھىم خالىل قىرسان سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرىنىڭ ئېلېكتىرلىك ماشىنىلار، باتارېيەلەر، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە، سانائەت روبوتلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىدىغانلىقىنى؛ شۇنداقلا، خىتاي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشلىرىنىڭمۇ ئاساسىي ئېلېمېنتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

قىرسان، سيرەك توپا ئېلېمىنېتلىرى ۋە باشقا ھالقىلىق مىنېرال ماددىلارنىڭ «يېڭى بىر سانائەت ئىنقىلابى» شارائىتىدا دۆلەتلەرنىڭ گېئوپولىتىك ئەھمىيەتلىرىنى قايتىدىن بەلگىلەۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ: «دۇنيا 1970-يىللاردىكى نېفىت كىرىزىسىگە ئوخشاش مىنېرال ماددىلار بىلەن تەمىنلەش كىرىزىسقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. مىنېرال ماددىلار يېڭى نېفىتكە ئايلانماقتا» دېدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەمىنلەش خەۋپ-خەتەرلىرى

قىرسان نۇرغۇن ساھەلەردىكى رەقەملەشتۈرۈش ۋە ئېلېكتىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى شۇنداقلا پاكىز ئېنېرگىيە تېخنىكىلىرىنى كۆپلەپ ئىشلىتىش تۈپەيلىدىن، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ھالقىلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك مىنېرال ماددىلارغا ئېرىشىشنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسىلىسى دەپ قاراشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆتكەن يىللىق سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، يەر شارى ھالقىلىق مىنېرال ماددىلار ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەخمىنەن يۈزدە 70ى خىتاينىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن قىرسان، ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئارىسىدىكى جۇغراپىيەلىك ئېغىزغا جايلاشقان تۈركىيەنىڭمۇ مۇھىم كانچىلىق يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بىر ھالقىلىق دۆلەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە سودا-سانائەت ئاپپاراتلىرى ۋە بىرژىلار بىرلەشمىسى كانچىلىق كېڭىشى باشلىقى تۈركىيەنىڭ 168 دۆلەت ئىچىدە مىنېرال ماددىلارنىڭ كۆپ خىللىقىدا سەككىزىنچى ئورۇندا، زاپاس مىقدارىدا 22-ئورۇندا ۋە قىممىتى جەھەتتە 28-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ دۆلەتنى «سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دەسلەپكى نامزاتلارنىڭ بىرى» دەپ تەرىپلىدى.

ئۇ سىناق خىزمەتلىرىنىڭ ئىجابىي نەتىجىلىرىدىن كېيىن، «ئەتىمادەن» شىركىتىنىڭ ئوتتۇرا ئانادولۇدىكى (ئەسكىشەھىر) بەيلىكئوۋا سىناق تۈرى ئەسلىھەسىدە ئىشلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

قىرسان: «ھازىر دۇنيا مىقياسىدا سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرىنى ساپلاشتۇرۇشتا خىتاي يالغۇز ئىگىلىككە (يەككە ھۆكۈمرانلىققا) ئىگە بولغانلىقى ھەم بۇ تېخنىكىنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاقلاشمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ جەرياندا تېخنىكىغا ئىگە بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئورتاق تۈرلەرنى تۈزۈش ئارقىلىق خەلقئارالىق ھەمكارلىقلارغا كىرىش، بۇ مۇھىم سىيرەك توپا ئېلېمىنتلىرى زاپىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە ماسلاشتۇرۇش تەلىپى

تۈركىيە سودا-سانائەت ئاپپاراتلىرى ۋە بىرژىلار بىرلەشمىسى ۋەكىلى يەنە: «ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان سىيرەك توپا ۋە ھالقىلىق مىنېرال ماددىلار خىزمەتلىرىنىڭ ماسلاشتۇرۇلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن بىر <دۆلەت ھالقىلىق مىنېرال ماددىلار ئىستراتېگىيە ھۆججىتى> تەييارلىنىپ، <ھالقىلىق مىنېرال ماددىلار تېخنىكا ئىنستىتۇتى> ياكى <ھالقىلىق مىنېرال ماددىلار باشقارمىسى> قۇرۇلسا مۇۋاپىق بولىدۇ» دېدى.

قىرسان تۈركىيەدە سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرىغا ئائىت مەسئۇلىيەتنىڭ ھازىر ئۈچ مىنىستىرلىق ئارىسىدا تەقسىملەنگەنلىكىنى؛ ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىنىڭ خام ئەشيانى، سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ۋە مىللىي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىككە مۇناسىۋەتلىك ئىشلىتىشلىرىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «شۇڭا، بۇ ئۈچ مىنىستىرلىقتىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىل تاپقان بىر كومىتېت ئارقىلىق تەكلىپ قىلىنغان بۇ قۇرۇلمىنىڭ ۋەزىپە ئېنىقلىمىلىرى ۋە نىزامنامە جەھەتتىكى قانۇنىي ئۇل ئەسلىھەسىنى تۇرغۇزۇش تۈركىيەگە بۇ ساھەدە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى.

تۈركىيە سودا-سانائەت ئاپپاراتلىرى ۋە بىرژىلار بىرلەشمىسى كانچىلىق كېڭىشى باشلىقى، بۇ ئورگاننىڭ تۈركىيەنىڭ كانچىلىق يوشۇرۇن كۈچىنى، ساھەنىڭ تەمىنلەش-ئېھتىياجغا ئاساسلانغان مىنېرال ۋە مېتال ئېھتىياجىنى باھالايدىغانلىقىنى ۋە كانچىلىق تۈرلىرىنىڭ نەتىجە بېرىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.