مېكسىكادا پۇتبول مەيدانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 11 كىشى ئۆلدى

مېكسىكا شەھەر باشلىقى پۇتبول مەيدانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 11 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

By
مېكسىكادا پۇتبول مەيدانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 11 كىشى ئۆلدى / AFP

دائىرىلەر سالامانكادىكى بىر پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىش جەريانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەرلىك دائىرىلەرنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، يەكشەنبە كۈنى مېكسىكانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان گۇاناجۇاتو ئىشتاتىدىكى بىر پۇتبول مەيدانىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 11 كىشى ئۆلگەن، 12 كىشى يارىلانغان.

ھۇجۇم سالامانكا يېزىسىدىكى بىر مەھەللىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دائىرىلەرنىڭ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنى تېپىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:

«قوراللىق ھۇجۇمدا 11 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى؛ ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن 10ى نەق مەيداندا، بىرى دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئوق تېگىپ يارىلانغان 12 كىشى دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.»

مەزكۇر يېزىدا شەنبە كۈنى كېچىسى جەسەت پارچىلىرى قاچىلانغان تۆت سومكا تېپىلدى.

گۇاناجۇاتو گەرچە نۆۋەتتە ئاۋات سانائەت مەركىزى ۋە بىرنەچچە داڭلىق ساياھەت ئورۇنلىرىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان بولدىمۇ، ئەمما رەسمىي جىنايەت ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، شايكىلار توقۇنۇشى سەۋەبىدىن دۆلەتنىڭ ئۆلۈم نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئىشتاتى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

مېكسىكا پىرېزىدېنتى كلاۋدىيە شېينباۋم بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى سايىسىدا، 2025-يىلى مېكسىكانىڭ جىنايەت نىسبىتىنىڭ ئۆتكەن ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.