سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ماكرون: ئۇكرائىنا بىلەن ياۋروپا ئۆتكۈزۈلگۈسى ترامپ-پۇتىن ئۇچرىشىشقا قاتناشتۇرۇلۇشى كېرەك
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون: «ئۇكرائىنانىڭ تەقدىرى مۇزاكىرە قىلىنغاندا، ئۇكرائىنالىقلار سۆھبەت ئۈستىلىدە بولۇشى كېرەك» دېدى.
ماكرون: ئۇكرائىنا بىلەن ياۋروپا ئۆتكۈزۈلگۈسى ترامپ-پۇتىن ئۇچرىشىشقا قاتناشتۇرۇلۇشى كېرەك
French President Emmanuel Macron shakes hands with Croatian Prime Minister Andrej Plenkovic. / Reuters

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ئۇچرىشىشىدا ئۇكرائىنالىقلار بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭمۇ «سۆھبەت ئۈستىلىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى» ئېيتتى.

ماكرون دۈشەنبە كۈنى سلوۋېنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاقدېڭىز دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئەمەلگە ئاشقۇسى مەزكۇر ئۇچرىشىش ھەققىدە توختىلىپ، «ئىنتايىن ياخشى ئىش... پىرېزىدېنتلار ئۇ يەردە ئىككى تەرەپلىك كۈنتەرتىپلىرىنى مۇزاكىرە قىلالايدۇ» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇكرائىنانىڭ تەقدىرى مۇزاكىرە قىلىنغاندا، ئۇكرائىنالىقلار سۆھبەت ئۈستىلىدە بولۇشى كېرەك. ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغاندا، ياۋروپالىقلار سۆھبەت ئۈستىلىدە بولۇشى كېرەك. مېنىڭ دېيەلەيدىغىنىم مۇشۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ماكرون يەنە فىرانسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ دۆلەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتىكى ئىرادىسىگە يۇقىرى باھا بەرى.

لوندون يىغىنى

ماكرون يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق زور جاسارەت بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. جۈمە كۈنى بىر قىسىم قاتناشقۇچىلار نەق مەيداندا، يەنە بەزىلىرى سىن ئارقىلىق قاتنىشىدىغان ‹خالىغۇچىلار ئىتتىپاقى› يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ ۋە (ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى) ۋولودىمىر زېلېنسكىيمۇ ئۇ يەردە بولىدۇ. بىز مۇشۇنداق ئالغا ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز».

ماكرون ئۇكرائىناغا ئالاقىدار ھەر قانداق بىر تىنچلىقنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن، دائىمىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىدىغان شەكىلدە «پۇختا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك» بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇنىڭدىن باشقا بىر (تىنچلىق) يوق. ھەمدە ياۋروپالىقلار بۇ مەسىلىدە ھەر ۋاقىت ئېنىق پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۆتكەن ھەپتە ترامپ زېلېنسكىينى رۇسىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا چاقىرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھازىرقى جەڭ لىنىيەسىدە توقۇنۇشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانىدى. زېلېنسكىي بولسا ئۇكرائىنانىڭ موسكۋاغا ھېچقانداق يول قويمايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.

ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، پۇتىن بىلەن ترامپ يەنە بىر قېتىم يۈزمۈيۈز ئۇچرىشىش ئېھتىماللىقىنى مۇزاكىرە قىلغان ۋە ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ بىر باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن دەرھال تەييارلىقنى باشلىشىغا قوشۇلغانىدى. كۆزەتكۈچىلەر ئىككى رەھبەرنىڭ بۇداپېشتتا ئۇچرىشىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئىزدىنىڭ
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى