خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا لىۋانغا ھۇجۇم قىلىپ 14 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
لىۋان دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى يارۇن ۋە بىنت جۇبەيل بازارلىرى ئارىسىدىكى ئولتۇراق ئۆيلەرنى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان ۋەيران قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا لىۋانغا ھۇجۇم قىلىپ 14 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
لىۋاننىڭ ناباتيە ئۆلكىسىدىكى كەفر تىبتىن بازىرىدا ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن، نىشان قىلىنغان جايلاردىن تۈتۈن چىقىۋاتىدۇ. / AA

لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇملاردا ئارىسىدا ئىككى ئايال ۋە ئىككى بالا بولۇپ جەمئىي 14 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 37 كىشى يارىلاندى.

دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى يارۇن ۋە بىنت جۇبەيل بازارلىرى ئارىسىدىكى ئولتۇراق ئۆيلەرنى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان ۋەيران قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇر رايونىدىكى بۇرۇج كاللاۋىيە بازىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان  ھەمدە مەنسۇرى ۋە بەيتۇسسەييىد بازارلىرىغا ئوق چىقارغان.

نەباتىيە رايونىدا بولسا، ئىسرائىلىيەنىڭ كفار تېبنىت بازىرىغا قىلغان ھۇجۇمى جەريانىدا ئارنۇن بازىرى ۋە ئەلى ئەتتاھىر ئورمانلىق رايونىغا زەمبىرەك ئوقلىرى چۈشكەن. ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى يەنە زاۋتار ئەششەرقانىيە رايونىغا بېسىپ كىرىپ، بىر مەسچىتنى ۋە دىنىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر زالنى ۋەيران قىلغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى بىنت جۇبەيل رايونىدىكى بەيت ياهۇن بازىرىغا زەربە بەرگەندىن سىرت، بۇرۇج كاللاۋىيەگە ئۈچ قېتىم، كافراغا بىر قېتىم، جۇبال ئەلبوتىم بىلەن سادىقىن ئارىسىدىكى رايونغا بىر قېتىم بېسىپ كىرگەن.

ئىسرائىلىيە كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ھىزبۇللاھ ئىسرائىلىيە بازىلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ كېلىشىمگە «ئۈزلۈكسىز» خىلاپلىق قىلىشىغا قارىتا قايتۇرۇلغان بىر زەربە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 17-ئاپرېل كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان 10 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى گەرچە يەنە ئۈچ ھەپتە ئۇزارتىلغان بولسىمۇ، ھىزبۇللاھ تەرەپ بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش، ھۇجۇم قىلىش، ئۆيلەرنى ۋەيران قىلىش ۋە لىۋان تېررىتورىيەسىنى ئىشغال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇلىدىغانلىقىنى ئاشكارا ۋە قەتئىي جەزملەشتۈرىمىز» دېدى.

تەشكىلات يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ 17-ئاپرېلدىن بۇيان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 500 قېتىم خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ھىزبۇللاھ ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى ئولتۇراق رايونلارنى بومباردىمان قىلىشىنى بولسا، بۇ خىلاپلىق قىلىشلارغا قايتۇرۇلغان «قانۇنىي تاقابىل تۇرۇش» دەپ ئاتىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا بىر ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئالتە ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ھىزبۇللاھ: «ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتىنىڭ ھەپتىمۇھەپتە ئۇزارتىلىشى ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي بىر ئۇرۇش توختىتىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك ئىدى» دەپ كۆرسەتتى ۋە بۇنىڭ ئەكسىچە ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيە 2-مارت كۈنى يۈز بەرگەن چېگرا ھالقىغان بىر ھۇجۇمدىن كېيىن، لىۋاننى ھاۋادىن نىشانغا ئېلىشقا باشلىغان ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قوزغىغان ئىدى. لىۋان دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، شۇندىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2500 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى