پىكىر-مۇلاھىزىلەر
پىكىر
3 مىنۇت ئوقۇش
ناتسىستلار قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ئۇچۇرى پولشا بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تور مۇنازىرىسىگە سەۋە
ياد ۋاشېم تۈزىتىلگەن بىر نۇسخىنى ئېلان قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋەزىيەتنى تىنچىتالمىدى.
ناتسىستلار قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ئۇچۇرى پولشا بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تور مۇنازىرىسىگە سەۋە
ناتسىستلار قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ئۇچۇرى پولشا بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تور مۇنازىرىسىگە سەۋە / AA
2025-يىلى11-ئاينىڭ24-كۈنى

ناتسىستلار يۈرگۈزگەن يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى «خولوكوست» دەپ ئاتىلىدىغان ئىسرائىلىيەدە، رەسمىي خولوكوست قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ئورگىنىنىڭ توردا ھەمبەھىرلىگەن بىر ئۇچۇرى نارازىلىق قوزغىغاندىن كېيىن، پولشا بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كېلىپ چىقتى. پولشالىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بۇنىڭ تۈزىتىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

مەركىزىي قۇددۇسقا جايلاشقان دۇنيا خولوكوست قىرغىنچىلىقىنى  خاتىرىلەش مەركىزى ياد ۋاشېم ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە: «پولشا يەھۇدىيلار نىشان قىلىنغان نوپۇستىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن پەرقلىق بەلگە تاقاشقا مەجبۇر قىلىنغان تۇنجى دۆلەت ئىدى» دېگەن مەزمۇندا ئۇچۇر ئېلان قىلدى.

بۇ ئۇچۇر پولشادا تەنقىد دولقۇنىنى قوزغىدى. ئىنكاسچىلار پولشا بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى نېمىسلارنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى پولشانىڭ ۋىزىيىتىنىڭ قالايمىقان قىلىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

بۇ زىددىيەت، گەرچە تاشقى كۆرۈنۈشتە ئاتالغۇلارغا مۇناسىۋەتلىكتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تارىخىي ئەسلىمە، ئىگىلىك ھوقۇق ۋە رايون سىياسىتىگە ئالاقىدار تېخىمۇ چوڭقۇر ئەندىشىلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ.

پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رادوسلاۋ سىكورسكى ئەسلى يوللانمىنىڭ ئاستىغا: «‹نېمىسلارنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى پولشا› دىن نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭىز ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە بېرىشىڭىزنى ئۆتىنىمەن» دەپ ئىنكاس يازدى.

پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماسېي ۋېۋىيور پولشادىكى ئاۋشۋىتس-بىركېناۋ مۇزېيىنىڭ تولۇق تۈزىتىش باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «تارىخىي ھەقىقەتلەرنى ئەڭ ياخشى بىلىشى كېرەك بولغىنى ياد ۋاشېمدۇر. ياد ۋاشېم ئاشۇ دەۋردە پولشانىڭ گېرمانىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇ يەھۇدىي دۈشمەنلىكىگە ئائىت قانۇننى چىقارغانمۇ، ئىجرا قىلغانمۇ دەل نېمىسلار ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىشى كېرەك ئىدى» دەپ جاۋاب قايتۇردى.

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى ئاركادىيۇش مۇلارچىكمۇ ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياد ۋاشېمنىڭ ھەقىقەتنى قالايمىقانلاشتۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. مۇلارچىك: «پولشا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تۇنجى قۇربانى، جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىسى ئەمەس. خولوكوست بىر گېرمان جىنايىتى ئىدى. بۇ تالاش-تارتىشقا ياكى ‹قايتا شەرھلەش› كە بولمايدىغان بىر ھەقىقەت» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ئىنكاسلاردىن كېيىن ياد ۋاشېم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنىڭ نېمىس دائىرىلىرى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان باشقا بىر ئۇچۇر يوللىدى.

 بىراق بۇ ئۇچۇر جىددىيچىلىكنى پەسەيتەلمىدى. پولشا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى رادوسلاۋ سىكورسكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ئىنكاسچىلار، ئىپادىنىڭ «نېمىس ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى پولشا» ياكى «نېمىس ئىشغال دائىرىلىرى» شەكلىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 خولوكوست تىلى توقۇنۇشى

 پولشا بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، خولوكوست بايانلىرى ئۈستىدە پات-پات داۋاملىشىدىغان بىر ئىختىلاپ ئىچىدە تۇرماقتا.

پولشا ئۈچۈن ناتسىستلار ئىشغالىيىتى بىلەن پولشا دۆلىتىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. پولشا 1939-يىلى ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ ئىشغالىيىتى بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقاتقانلىقىنى ۋە شۇ تارىختىن باشلاپ، تاكى ئىشغال كۈچلىرى دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىلغانغا قەدەر بولغان ۋاقىتتا چىقىرىلغان يەھۇدىي دۈشمەنلىكىگە ئائىت قانۇنلارنىڭ پولشا تەرىپىدىن چىقىرىلمىغانلىقىنى قەتئىي نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

2018-يىلدىكى «خولوكوست قانۇنى» كىرىزىسى، يەنى پولشا ھۆكۈمىتىنىڭ پولشالىقلارنىڭ جىنايەت شېرىكى ئىكەنلىكىنى ئىما قىلىدىغان بايانلارنى جازالاش ئۇرۇنۇشى ھېلىھەم ئارقا كۆرۈنۈشتە تەسىرىنى كۆرسەتمەكتە. بۈگۈنكى ھاكىمىيەت تېخىمۇ لىبېرال بولسىمۇ، بۇ مەسىلىگە بولغان سەزگۈرلۈك داۋام قىلىۋاتىدۇ.

ئۆتكەن يىلى غەززەدە پولشالىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىمى دامىيان سوبولنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىمۇ ۋارشاۋا – تېل ئاۋىۋ لىنىيەسىدە جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى. پولشا دائىرىلىرى ئىسرائىلىيەنى تەكشۈرۈشتە ھەمكارلاشماسلىق ۋە جەرياننى كېچىكتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

ئىزدىنىڭ
پەزەشكىياننىڭ ئوغلى: يېڭى دىنىي رەھبەر ئۇرۇش جاراھەتلىرىگە قارىماي «ساق-سالامەت»
دوللار تەۋرىنىشكە باشلىدى
شىۋېيتسارىيەدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە ئالتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىران ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئاۋسترالىيەدىن پاناھلىق تىلەش قارارىدىن ۋاز كەچتى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى
ئىران نېفىت ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا
سېئۇل-ۋاشىنگتون ھەربىي مانېۋىرى مەزگىلىدە پىيوڭياڭ ئىككىنچى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى
موسكۋا: ئىراننىڭ ئىسپاھان شەھىرىدىكى كونسۇلخانا زىيانغا ئۇچرىدى
«ئىنتايىن ئاچچىق تەجرىبە»نى باشتىن كەچۈرگەن ئاراقچى ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى خىرىستىيان يېزىسىدا مارونىي كاتولىك راھىبىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكا ئافغانىستاننى «قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنى قوللايدىغان دۆلەت» دەپ ئېلان قىلدى
ئامېرىكا ئىران بىلەن بولغان توقۇنۇشتا 330 مىليون دوللارلىق 11 دانە ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىدىن ئايرىلدى
ئەردوغان: سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەۋەلىكىمىزگە تاجاۋۇز قىلىنىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى: ئۇرۇشنىڭ تەقدىرىنى بىز بەلگىلەيمىز
ئىران تەرەپتىن تۈركىيەگە قارىتىپ قويۇپ بېرىلگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا توسۇپ قېلىندى