سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ 28 ماددىلىق رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانىنى ئىمزالىدى
ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر رامكا پىلان ھەر ئىككى تەرەپكە بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرىشنى مەقسەت قىلدىكەن.
ترامپ 28 ماددىلىق رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانىنى ئىمزالىدى
ھۆججەتلىك - پرېزىدېنت دونالد ترامپ لاس ۋېگاستا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە سۆز قىلماقتا. / AP
2025-يىلى11-ئاينىڭ20-كۈنى

ئامېرىكالىق بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار  «NBC News» قانىلىغا بايانات بېرىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇ ھەپتە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان 28 ماددىلىق بىر پىلاننى تەستىقلىغانلىقىنى دەلىللىدى. پىلاننىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا ئۇكرائىنا بىلەن تېخى مەسلىھەتلىشىلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولسا، رۇسىيەمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق تەكلىپ تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

مەزكۇر ئەمەلدار: «بۇ پىلان، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپكە بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرىلىشىنى ئاساس قىلىدۇ. پىلان ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئۈچۈن ئۇكرائىنا ئارزۇ قىلىدىغان ۋە ئېھتىياجلىق بولغان ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى.

پىلاننىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان مەزكۇر ئامېرىكا ئەمەلدارى، پىلاننىڭ ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن مۇزاكىرە قىلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، تىنچلىق كېلىشىمى رامكىسىنىڭ تېخى كىيېۋغا سۇنۇلمىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

ئىككى نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارى، بىر ياۋروپالىق ئەمەلدار ۋە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە يېقىن بىر مەنبەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى كاتىپى دانىئېل دىرىسكول يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەربىي ھەيئەت چارشەنبە كۈنى ھەربىي ئىستراتېگىيە ۋە تېخنىكا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى قايتا باشلاش تەشەببۇسىنى قوللاش مەقسىتىدە كىيېۋغا يېتىپ بارغان.

بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى كىيېۋغا قىلىنغان بۇ زىيارەتنى ئاق ساراي ئېلىپ بېرىۋاتقان «تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى قايتا باشلاش» تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى دەپ تەرىپلىدى.

بىراق كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ، دىرىسكولنىڭ كىيېۋدىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش پىلانى بار-يوقلۇقىغا دائىر سوئالغا «بۇنداق بىر پىلان يوق» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ ئەھۋال، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ئالياسكانىڭ ئېنكورىج شەھىرىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەل قىلغۇچ يىغىنىدىن بۇيان ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە يېقىن بىر مەنبە ۋە ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر ياۋروپالىق ئەمەلدار، ئۇكرائىنانىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغان تىنچلىق پىلانىنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشىدە رول ئوينىمىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئىككى مەنبە، ئۇكرائىنا تەرەپكە پىلاننىڭ ئومۇمىي رامكىسىدىن خەۋەر بېرىلگەنلىكىنى، ئەمما تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكىنى ياكى پىكىر بىلدۈرۈشى تەلەپ قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ جەرياندا، ئۇكرائىنالىق ئەمەلدارلار تەكلىپنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ۋاقتىنىڭ سىياسىي غەرەزگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. چۈنكى بۇ تەكلىپ، پىرېزىدېنت ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىي ھۆكۈمىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن بىر چىرىكلىك دېلوسى بىلەن ئوخشاش مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئۇكرائىناغا يېقىن بىر مەنبەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت ئەمەلدارلىرى بۇنى كىرېمىلنىڭ ئاجىزلىغان ئۇكرائىنا ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىش ئۇرۇنۇشى دەپ قارىماقتا.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيە زاخاروۋا چارشەنبە كۈنى موسكۋانىڭ تاراتقۇلاردا تىلغا ئېلىنغان ۋە ئۇكرائىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن «كېلىشىملەر» ھەققىدە ئامېرىكادىن رەسمىي قاناللار ئارقىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى ئېيتتى. كىرېمىل بۇنىڭدىن بۇرۇن، پۇتىننىڭ ئالياسكادا ترامپ بىلەن كۆرۈشكىنىدىن بۇيان، ئۇكرائىنا تىنچلىق كېلىشىمى ئېھتىماللىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

«Axios»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئالاھىدە ئەلچىسى ستىۋ ۋىتكوف بىلەن پۇتىننىڭ ئەلچىسى كىرىل دىمىترىيېۋ ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا فلورىدادا ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان بىر رامكىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئۇچراشقان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 28 ماددىلىق ئامېرىكا پىلانى، ترامپنىڭ غەززەدە بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش توغرىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشەببۇسىدىن ئىلھاملىنىپ تۈزۈلگەن.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئىران ھۇجۇملىرىدىن كېيىن رەفاھنى تاقىدى، غەززە قايتىدىن تولۇق يېتىم قالدى
ترامپ: ئىران ئەمەلىيەتتە كېلىشىمنى خالىمىدى، ھەربىي ھەرىكەت بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئاخىرلىشىشى مۇمكىن
ئىسرائىلىيە-ئامېرىكا ھۇجۇملىرىدا ئەلى ھامانى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئىران خەلقى كوچىلارنى تولدۇردى
ترامپ: «ئامېرىكا بىۋاسىتە قاتناشقان ئىران ھۇجۇملىرىنىڭ مەقسىتى «ئەركىنلىك» ئېلىپ كېلىش»
ئىرانغا قىلىنغان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى ئوتتۇرا شەرقنى ئوت دېڭىزىغا ئىتتىرىشى مۇمكىن
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا ئىران رەھبىرى ئەلى ھامانى ئۆلتۈرۈلدى
ئامېرىكا ئەمەلدارى: ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى نىشانلىدى
سۈرەتلىك خەۋەر: تېھراننى ئېغىر ۋەھىمە قاپلىدى
ئىران ئىسرائىلىيە ۋە پارس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغىدى
ترامپ ئامېرىكانىڭ «كەڭ كۆلەملىك جەڭ» نى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىرانغا قارشى ھۇجۇم باشلاندى
ئافغانىستان بىلەن پاكىستان قانداق قىلىپ ۋەزىيەتنىڭ بۇنداق كەسكىنلىشىش نۇقتىسىغا كېلىپ قالدى؟
بېجىڭ ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ «USS Ford» ناملىق ئاۋىياماتكا  ئىسرائىلىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ باردى
سۈنئىي ئەقىل شىركىتى «Anthropic» پېنتاگوننىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى بوشاشتۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلدى