تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئىستانبۇلدا ھاماس ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇرۇش توختىتىش يول خەرىتىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە بىلەن ھاماس غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھازىرقى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ۋە قورشاۋدىكى رايونغا كىرىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەم-باسقۇچلارنى مۇزاكىرە قىلدى.
تۈركىيە ئىستانبۇلدا ھاماس ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇرۇش توختىتىش يول خەرىتىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
Ibrahim Kalin welcomes the Hamas delegation in Istanbul to discuss the steps needed to ensure the ceasefire process continues smoothly. / AA Archive

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم قالىن ئىستانبۇلدا پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس سىياسىي بىيۇروسى سۆھبەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى خەلىل ھەييە باشچىلىقىدىكى بىر ھاماس ئۆمىكى بىلەن ئۇچرىشىپ، غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىنى يولغا قويۇشتا تۇتۇلىدىغان يولنى مۇزاكىرە قىلدى.

بىخەتەرلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، ھاماس ئۆمىكى ئەنقەرەنىڭ مۇرەسسەچىلىك تىرىشچانلىقلىرى ھەمدە غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشتىكى رولى ئۈچۈن تۈركىيەگە ۋە بولۇپمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.

ھاماس ئۇرۇش توختىتىشقا سادىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى

ئۆمەك ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلىشىغا قارىماي، ھاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىشتا سادىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەم-باسقۇچلارنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە داۋاملىشىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى قانداق يېڭىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئىككى تەرەپ يەنە ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئۇچرىشىشتا تۈركىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى ۋە رايوندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى يېنىكلىتىش تىرىشچانلىقلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

قالىن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ماسلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى ھەققىدە ئۆمەككە مەلۇمات بېرىپ، رايونغا قوشۇمچە ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرنى تونۇشتۇردى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان بىلەن مىرزىيايېۋ تۈركىستاندىكى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا «ھەمكارلىق» سىگنالى بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «خەلقئارالىق ئائىلە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما يوللىدى
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇنەيترا يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى