خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە:پولشا چۈشۈرۈۋېتىلگەن ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ موسكۋا بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىغا ئىسپات كۆرسەتمىدى
پولشا پىرېزىدېنتى كارول ناۋروكى رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ پولشا ھاۋا تەۋەلىكىگە سوقۇنۇپ كىرگەنلىكى ھەققىدىكى باياناتلاردىن كېيىنكى 48 سائەت ئىچىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى يىغىنغا چاقىردى.
رۇسىيە:پولشا چۈشۈرۈۋېتىلگەن ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ موسكۋا بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىغا ئىسپات كۆرسەتمىدى
/ REUTERS
vor 15 Stunden

رۇسىيە دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى «رىئا»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر رۇس دىپلومات چارشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، پولشانىڭ چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ رۇسىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق دەلىل كۆرسەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە، رۇسىيەنىڭ پولشادىكى ۋاقىتلىق ئىش بېجىرگۈچىسى ئاندرېي ئورداشنىڭ: «بىز بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئاساسسىز دەپ قارايمىز. بۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ رۇسىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق دەلىل كۆرسىتىلمىدى» دېگەن سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

رۇسىيە دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئورداش پولشا دائىرىلىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلغان.

«رىئا نوۋوستى» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئورداش، ئۆزىنىڭ پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن سائەت 12:00 دە (GMT 10:00) يىغىنغا چاقىرىلغانلىقىنى ۋە ۋارشاۋانىڭ كېچىدە چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ رۇسىيەدىن كەلگەنلىكىگە دائىر تېخىچە ھېچقانداق دەلىل كۆرسەتمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پولشا پىرېزىدېنتى كارول ناۋروكى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ غەربىگە قىلغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمى جەريانىدا ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى 48 سائەت ئىچىدە يىغىنغا چاقىرىشنى قارار قىلدى.

ناۋروكى: «پولشادا نېمە ئىش بولغانلىقى ھەققىدە 48 سائەت ئىچىدە تولۇق ئۇچۇرغا ئېرىشىدىغانلىقىمىز توغرىسىدىكى خەۋەرلەر، مېنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى 48 سائەت ئىچىدە يىغىنغا چاقىرىش قارارىغا كېلىشىمگە سەۋەب بولدى» دېگەن ۋە بۇ ۋەزىيەتنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ۋە پولشا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - پولشا: رۇسىيە ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرى جەريانىدا ھاۋا بوشلۇقىمىزنى كۆپ قېتىم دەپسەندە قىلدى

پولشا باش مىنىستىرى: 19 قېتىم چەكلەنگەن رايونغا كىرىش ۋەقەسى يۈز بەردى، 3 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى چۈشۈرۈۋېتىلدى

پولشا باش مىنىستىرى دونالد تاسك ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بۇ دۆلەتنىڭ كېچە بويى ھاۋا تەۋەلىكىدە 19 قېتىم چەكلەنگەن رايونغا كىرىش ۋەقەسىنى بايقىغانلىقىنى ۋە كەم دېگەندە ئۈچ «رۇسىيە» ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

پارلامېنتتا سۆز قىلغان تاسك: «ئون توققۇز قېتىم چەكلەنگەن رايونغا كىرىش ۋەقەسى بايقالدى ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىلدى... ھازىر ئۈچ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى دەلىللىدۇق... رۇسىيەنىڭ ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە ھېچكىمنىڭ يارىلانغانلىقى ياكى قازا قىلغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتىمىز يوق» دېگەن.

«مىسلى كۆرۈلمىگەن» خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، رۇسىيەنىڭ پولشا ھاۋا تەۋەلىكىگە «پەرۋاسىزلارچە شۇنداقلا مىسلى كۆرۈلمىگەن» دەرىجىدە بېسىپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋون دېر لېيېن ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاب قىلىپ: «بۈگۈن بىز پولشا ۋە ياۋروپا ھاۋا تەۋەلىكىدە 10 دىن ئارتۇق رۇسىيەنىڭ <شاھىت> ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن بىپەرۋالارچە ئېلىپ بېرىلغان مىسلى كۆرۈلمىگەن چېگرانى دەپسەندە قىلىش ۋەقەسىگە شاھىت بولدۇق» دېدى ۋە ياۋروپانىڭ پولشا بىلەن تولۇق ھەمكارلىق ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاس، ئامېرىكا ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركىتى X (ئىلگىرىكى تىۋىتتېر) تە ئېلان قىلغان يازمىسىدا: «تۈنۈگۈن كەچتە پولشادا، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ياۋروپا ھاۋا تەۋەلىكىگە بېسىپ كىرىش ۋەقەسىگە شاھىت بولدۇق. كۆرسەتكۈچلەر بۇنىڭ تاسادىپىي ئەمەس، بەلكى قەستەن قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا. رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشى ئاخىرلاشماي، ئەكسىچە كەسكىنلىشىۋاتىدۇ. بىز موسكۋاغا تېخىمۇ زور بەدەل تۆلىتىشىمىز، ئۇكرائىناغا بولغان ياردەمنى كۈچەيتىشىمىز ۋە ياۋروپا مۇداپىئەسىگە مەبلەغ سېلىشىمىز كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

كاللاس ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «شەرقىي چېگرا قالقىنى» مۇداپىئە لىنىيەسى قاتارلىق تەشەببۇسلارنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

گوللاندىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ياردەم بەردى

يەنە بىر تەرەپتىن، گوللاندىيە باش مىنىستىرى دىك شوف گوللاندىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كېچىدە پولشا ئاسمىنىدا رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شوف X سەھىپىسىدە: «گوللاندىيە F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ياردەم بېرەلىگەنلىكى ياخشى ئىش بولدى. گوللاندىيە ناتودىكى ئىتتىپاقدىشىمىز پولشا بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ» دېدى.

شوف يەنە رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ پولشا ھاۋا تەۋەلىكىگە بېسىپ كىرىشىنىڭ «رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى» ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

«ئورتاق» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇش

بۇ ئىشلار يۈز بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىي رۇسىيەنى كېچىدىكى ھۇجۇمدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى پولشا ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق قوشنا دۆلەت پولشانى «قەستەن نىشانغا ئالدى» دەپ ئەيىبلەپ، كىيېۋنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئورتاق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا چاقىرىق ئېلان قىلدى.

زېلېنىسكىي ئىجتىمائىي تاراتقۇدا: «ئۇكرائىنا ئۇزۇندىن بۇيان شېرىكلىرىگە <شاھىت> ۋە باشقا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى شۇنداقلا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئۇرۇش ئاۋىياتسىيەمىز ۋە ھاۋا مۇداپىئەمىزنىڭ بىرلەشمە كۈچى بىلەن چۈشۈرۈۋېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئورتاق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگ تەزىيە بىلدۈردى
غەززەگە قاراپ يولغا چىققان خەلقئارالىق «سۇمۇد» ناملىق فىلوت ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ناتو بىلەن ئەنگلىيە ئۇكرائىناغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەردى
مادۇرو: ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلادا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ئەمەس، ئەكسىچە نېفىت ئىزدەۋاتىدۇ
پولشا: رۇسىيە ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرى جەريانىدا ھاۋا بوشلۇقىمىزنى كۆپ قېتىم دەپسەندە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى 175.6 مىليارد ياۋرولۇق مۇداپىئە فوندى ئاجراتتى
پاكىستان: مۇسۇلمان دۆلەتلەر ‹قارا نىيەت دۆلەت› ئىسرائىلىيەگە قارشى بىرلىشىشى كېرەك
ترامپ: قاتارغا ھۇجۇم قىلىش قارارىنى نېتانياھۇ يالغۇز چىقاردى
ترامپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاي ۋە ھىندىستانغا %100 تاموژنا بېجى يۈرگۈزۈشكە چاقىردى
كاللاس رۇسىيەنى ئۇرۇش مەيدانىدىن چېكىنىپ، ئۇكرائىنا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى
شى جىنپىڭ: خىتاي شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تەييار
خىتاي، رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيە چېگرا بىخەتەرلىك ئالاقىسىنى چېگرا مانېۋىرلىرى ئارقىلىق كۈچەيتمەكتە
نېتانياھۇ 2 كۈندە غەززەدىكى 50 بىنانى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ماختانغان ھالدا جاكارلىدى
پەلەستىن دۆلەت رەئىسى: غەززە ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە سايلام ئۆتكۈزۈش پىلانلىنىۋاتىدۇ
نېپال نامايىشلاردا 19 ئادەم قازا قىلغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇ چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ھىندىستان ئىسرائىلىيە بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى تۈزدى