غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىشىغا «ئۈمىدۋار»
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ج د ۋانس غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى «بىر پۇرسەت» ۋە «ئىبراھىم كېلىشىملىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھالقىلىق بىر باسقۇچ» دەپ باھالىدى.
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىشىغا «ئۈمىدۋار»
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىشىغا «ئۈمىدۋار» / Reuters

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ج د ۋانس چارشەنبە كۈنى غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە نەتىجىسىگە ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋانس قۇددۇستىكى ئىشخانىسىدا نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا: «ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرقتە تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسى بەرپا قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئۈمىدۋارمەن. بىراق، بۇ بىر ئاز تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدۇ» دېدى.

ۋانس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «پەقەت يېقىنقى يەتتە كۈن ئىچىدە قىلىنغان ئىشلارغا قاراپلا، بۇ يەردە ئىلگىرى ئەسلا قىلىنمىغان بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر يولدا كېتىۋاتقانلىقىمىزنى ئويلايمەن» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - UN 'deeply concerned' about heightened risk from explosive ordnance in Gaza

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ «بىر پۇرسەت» ۋە ئىبراھىم كېلىشىملىرى ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان «ھالقىلىق بىر باسقۇچ» دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىرقىي قىرغىنچى نېتانياھۇ بولسا، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بىلەن غەززەنى قايتا قۇرۇش ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دائىرىسىدە غەززەدە باشقۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك مېخانىزملىرىنى قۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋانسنىڭ شۇ كۈنى كەچتە ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگ بىلەن كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى 10-ئۆكتەبىر غەززەدە يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىش ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ پىلانىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن سەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە ئۈچ كۈنلۈك زىيارەتكە كەلگەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Germany blocks entry of injured, traumatised children from Gaza

بىرىنچى باسقۇچ پەلەستىنلىك تۇتقۇنلار بەدەلىگە ئىسرائىلىيەلىك گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

بۇ پىلان يەنە غەززەنى قايتا قۇرۇش ۋە ھاماس قاتناشمىغان يېڭى بىر باشقۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاراكتېرىدىكى ئۇرۇشى غەززەدە 68 مىڭ 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە 170 مىڭ 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە