خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەرەب ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ئەرەب ئىتتىپاقى: «ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ھۇجۇملىرى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن» دېدى.
ئەرەب ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ئەرەب ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئەرەب ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قاراتقان ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، كۈچىيىۋاتقان كەسكىنلىكنىڭ توقۇنۇشنى ھەل قىلىشقا ۋە ئىشغالنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان تىرىشچانلىقلارنى ۋەيران قىلىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئەرەب ئىتتىپاقى باش كاتىپى باياناتچىسى جەمال رۇشدى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ 15-ئاۋغۇست ئەتىگىنىدىن بۇيان نەباتىيەنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-  قىشلاقلاردا پۇقرالارنى نىشانلىغان ھۇجۇملىرىنىڭ «لىۋاننىڭ ئېگىلىك ھوقۇقىنى ئاشكارا دەپىسەندە قىلىش ۋە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ئارقىلىق ئىشغالنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان ھەر قانداق تىرىشچانلىقنى ۋەيران قىلىش تەھدىتىنى شەكىللەندۈرگەن خەتەرلىك بىر كۈچىيىش» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ سىياسىتى ۋە قىلمىشلىرى، توقۇنۇشلارنى ئۇزارتىش، مۇزاكىرىلەرگە توسالغۇ بولۇش ۋە مەيداندا قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدىغان يېڭى بىر ۋەزىيەتنى تېڭىش نىيىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويماقتا» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

خەلقئارا جەمئىيەت بولۇپمۇ ئامېرىكا ئارىلىشالمىغان ئەھۋالدا ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشلارغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن باياناتتا: «ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ماشىنىسىنىڭ دەرھال توختىتىلىشى ۋە ئىسرائىلىيەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1701-نۇمۇرلۇق قارارىغا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلاش» چاقىرىقى قىلىندى.

ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ لىۋان ۋە خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىكەنلىكى تەكرارلانغان باياناتتا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى، مۇقىملىقىنى، ئېگىلىك ھوقۇقىنى ۋە ئىچكى ئامانلىقىنى نىشانلىغان بارلىق ھۇجۇملارغا قارشى لىۋان دۆلىتىگە تولۇق ياردەم بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈنۆگۈن ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى دەير ئەززاھرانى ۋە ئانسار يېزىسىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كىچىك بالىلارنىمۇ قوشقاندا 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 19 كىشى يارالانغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي لىۋاننىڭ جەنۇبىدا پۇقرالارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ھاۋا ھۇجۇملىرىغا قارىتا ھىزبۇللاھ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىنكاس قايتۇرغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان، رايونغا پۇقرالارنى ھىزبۇللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ھۇجۇملىرى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋانغا 2-مارتتا زىچ ھاۋا ھۇجۇملىرىنى باشلاپ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن يېزىلارنى ئىشغال قىلغان ئىدى.

لىۋان ھۆكۈمىتى بۇ جەرياندا دۆلەتتە ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 1 مىلىيوندىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا 17-ئاپرېلدا يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېيىنچە بىر قانچە قېتىم ئۇزارتىلغان ئىدى.

لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ 2-مارتتىن بۇيان لىۋانغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 مىڭ 335 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى