ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
شىمالىي كورېيە ئۇرۇش پاراخوتى ھادىسىسىنى تەكشۈرمەكتە
پيوڭياڭ ھەربىي پاراخوتنىڭ بۇزۇلۇشىغا قوماندانلىق قىلىشتىكى تەجرىبىسىزلىك ۋە بىپەرۋالىق سەۋەب بولغان دەپ قارىدى.
شىمالىي كورېيە ئۇرۇش پاراخوتى ھادىسىسىنى تەكشۈرمەكتە
/ AP

شىمالىي كورېيە ئۇرۇش پاراخوتى ھادىسىسىنى تەكشۈرمەكتە.

شىمالىي كورېيە دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بۇ ھەپتە يېڭى بىر ئۇرۇش پاراخوتىنى دېڭىزغا چۈشۈرۈش جەريانىدا يۈز بەرگەن ھادىسە توغرىسىدا تەكشۈرۈش باشلانغان.

شىمالىي كورېيە پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭى ياسالغان 5000 توننىلىق چارلىغۇچى پاراخوتنىڭ چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دېڭىزغا چۈشۈرۈش مۇراسىمى جەريانىدا «ئېغىر ھادىسە يۈز بەرگەنلىكىنى» ۋە پاراخوتنىڭ ئاستىنقى قىسمىنىڭ بەزى جايلىرىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بۇ ھادىسىنى «جىنايى ھەرىكەت» دەپ ئاتىغانىدى.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە سېئۇل ئاخباراتىغا ئاساسلانغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، شىمالىي كورېيەنىڭ پاراخوتنى دېڭىزغا «ياندىن چۈشۈرۈش ھەرىكىتى» مەغلۇپ بولۇپ، پاراخوت سۇدا بىر يانغا ياتقان ھالەتتە قالغان.

ئەمما شىمالىي كورېيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «Korean Central News Agency (KCNA)» جۈمە كۈنى، «دەسلەپكى باياناتنىڭ ئەكسىچە، سۇ ئاستى ۋە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدا ھېچقانداق تۆشۈك يوقلۇقىنىڭ دەلىللەنگەنلىكىنى» خەۋەر قىلدى.

KCNA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «پاراخوت گەۋدىسىنىڭ ئوڭ تەرىپى دەز كەتكەن ۋە قۇتقۇزۇش يولىدىن قۇيرۇق قىسمىغا بىر ئاز دېڭىز سۈيى سىڭىپ كىرگەن.»

 جىنايى ھەرىكەت

 شىمالىي كورېيە پەيشەنبە كۈنى، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنمۇ كۆزىتىپ تۇرغان ئۇرۇش پاراخوتىنى دېڭىزغا چۈشۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكىنى قوماندانلىق قىلىشتىكى تەجرىبىسىزلىك ۋە بىپەرۋالىق دەپ قارىغانىدى. شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنمۇ بۇ ئەھۋالنى «بىپەرۋالىقتىن كېلىپ چىققان جىنايى ھەرىكەت» دەپ ئاتىغانىدى.

KCNA نىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، ھادىسە يۈز بەرگەن شەرقتىكى پورت شەھىرى چوڭجىندىكى كېمىسازلىق زاۋۇتىنىڭ مۇدىرى خوڭ كىل خو پەيشەنبە كۈنى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلار تەرىپىدىن سوراققا چاقىرىلغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، پاراخوتنىڭ سۇ باسقان قىسمىدىن دېڭىز سۈيىنى چىقىرىپ تاشلاش ۋە ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 2 – 3 كۈن ۋاقىت كېتىدىكەن. ئۇرۇش پاراخوتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ تەخمىنەن 10 كۈن ۋاقىت كېتىدىكەن.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يېڭى ياسالغان بۇ ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئىقتىدارى چوڭلۇقى ۋە كۆلىمى جەھەتتە شىمالىي كورېيە ئۆتكەن ئايدا تونۇشتۇرغان 5000 توننىلىق چوي ھيون ناملىق چارلىغۇچى پاراخوت بىلەن ئوخشاش ئىكەن.

شىمالىي كورېيە چوي ھيونغا «ئەڭ ئىلغار قوراللار» نىڭ سەپلەنگەنلىكىنى ۋە «كېلەر يىلنىڭ باشلىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئونتارىيو كۆلىنىڭ نامىنى رەسمىي ئۆزگەرتتى
گىرېتسىيەدە غەربىي نىل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 290 غا يەتتى
ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكياندا بىر كېمىنى غەرق قىلدى
ئامېرىكادا ھۆكۈمەت بىلەن سوت قارىمۇ قارشى بولۇپ قالدى
رۇسىيە موسكۋاغا قاراپ ئۇچقان 37 دانە ئۇچقۇنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ترامپ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
«تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىستراتېگىيەسى غەربتىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس»
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى