«ئامېرىكا بىلەن خىتاي سۈركىلىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەربىي ئالاقە قاناللىرىنى ئاچىدۇ»
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرى پېتې ھېگسېت شەنبە كۈنى، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دوڭ جۈن بىلەن ھەربىي سەۋىيەدە ئالاقە قاناللىرىنى ئېچىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھېگسېت ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئادمىرال دوڭ بىلەن مەن ئوتتۇرىغا چىققۇسى ھەرقانداق مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە سۈركىلىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەربىي ئالاقە قاناللىرىنى ئېچىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق.»
ھېگسېت تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ياخشى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن «ئەڭ ياخشى يول» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«پىرېزىدېنت ترامپ ئېيتقاندەك، <ئىككى دۆلەت گۇرۇھى> يىغىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزۇپ بەردى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ ئوخشاش ئىشنى قىلىدۇ، يەنى كۈچ ئارقىلىق تىنچلىق ئورنىتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ.»
دوڭ بىلەن ھېگسېت جۈمە كۈنى مالايشىيانىڭ پايتەختى كۇئالالۇمپۇردا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسى (ASEAN) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى جەريانىدا كۆرۈشتى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ پەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورېيەنىڭ بۇسان پورت شەھىرىدە خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. ترامپ بۇ ئۇچرىشىشنى «ئىككى دۆلەت گۇرۇھى» يىغىنى دەپ ئاتىدى.