سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
شىمالىي كورېيە: ياپونىيەنىڭ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانى «ئىنتىايىن خەتەرلىكبىر قەدەم»
توكيونىڭ 2025 مالىيە يىلى ئىچىدە «Type-12» ناملىق ئىلغار تىپلىق قۇرۇقلۇقتىن دېڭىزغا ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى خىتايغا يېقىن ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى تاماملىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
شىمالىي كورېيە: ياپونىيەنىڭ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانى «ئىنتىايىن خەتەرلىكبىر  قەدەم»
/ Reuters

شىمالىي كورېيە دۆلەت تاراتقۇلىرى ياپونىيەنىڭ خىتايغا يېقىن غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى كۇماموتو ۋىلايىتىگە ئىلغار تىپلىق قۇرۇقلۇقتىن دېڭىزغا ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى «ئىنتىايىن خەتەرلىك قەدەم» دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

كورېيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (KCNA) دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق توكيو ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلدى. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياپونىيە نۆۋەتتىكى مالىيە يىلى ئىچىدە كۇماموتودىكى كېنگۇن ھەربىي بازىسىغا ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان «Type-12» تىپلىق قۇرۇقلۇقتىن دېڭىزغا ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى تاماملىماقچىكەن.

ئېتىش مۇساپىسى 1000 كىلومېتىرغا يېتىدىغان «Type-12» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا، خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىگىچە يېتىپ بارالايدىغان ھۇجۇم ئىقتىدارىغا ئىگە.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى نەقىل قىلغان خەۋىرىدە، بۇ ھەرىكەتنىڭ ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى نانسېي ئاراللىرىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. تەيۋەنگە يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى زور بولغان بۇ ئاراللار، خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىغا دائىر ئەندىشىلەرنىڭ كۈچىيىشى بىلەن تەڭ كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى.

قايتا بېسىۋېلىش ھەرىكىتى

پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى ياپونىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى «ئالدىنئالغۇچى زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئېرىشىش ئۇرۇنۇشى» دەپ سۈپەتلەپ، توكيو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىمپېرىيە دەۋرىدىكى «بۈيۈك شەرق ئاسىيا ئورتاق گۈللىنىش رايونى» قۇرۇش خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كورېيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى: «ياپونىيە ھەربىي كۈچ توپلاش، قايتا قۇرۇش ۋە قىسىملىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانلىرى ئارقىلىق، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغاش ھالىتىگە يېقىنلاشتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى «ھەربىي كۈچكە ئايلىنىش خىيالىغا مۇپتىلا بولغان» دەپ تەسۋىرلىگەن ياپونىيەنى، ئالدىنئالغۇچى زەربە بېرىش مەقسىتىدە ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق «قايتا بېسىۋېلىش كۈنلىرىگە قاراپ تېزلىك بىلەن يۈگۈرۈش» بىلەن ئەيىبلىدى.

كورېيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە: «ياپونىيەنىڭ شۇنچە ئۈمىدسىزلەرچە ئىنتىلىۋاتقان قايتا بېسىۋېلىش كۈنى، دەل ئۇنىڭ قايتىپ چىققىلى بولمايدىغان دوزاخقا قەدەم قويىدىغان كۈنى بولىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى