يېڭى سۈرىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
سۈرىيە خەلقى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلىمەكتە
سۈرىيە خەلقى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى يىلىنى ئەركىن ۋە بىخەتەر كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بىلەن قىزغىن تەبرىكلىمەكتە.
سۈرىيە خەلقى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى يىلىنى  قىزغىن تەبرىكلىمەكتە
سۈرىيە خەلقى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلىمەكتە / AA
2025-يىلى12-ئاينىڭ7-كۈنى

سۈرىيە خەلقى يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇشى بىلەن توك مەنبەسى، بىخەتەرلىك ۋە مۇلازىمەتلەردە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈرىيەلىكلەر 61 يىل داۋاملاشقان بائاس ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى يىللىقىنى دۆلىتىنىڭ ئەركىن ھەم بىخەتەر بىر كەلگۈسىگە ئىگە بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى يېڭىلانغان ئۈمىدلىرى بىلەن خاتىرىلىمەكتە.

پايتەخت دەمەشق ئاھالىلىرى ئاغدۇرۇلغان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە تارتقان قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتىپ، يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ بولۇپمۇ ئەركىنلىك، ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىدە سۈرىيەنى تېخىمۇ گۈزەل بىر كەلگۈسىگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.

ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ گۇمران بولۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەت، توك ۋە دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشى قاتارلىق ئاساسلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەش ئۈچۈن قەدەملەرنى تاشلىدى ۋە پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان قارارلارنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى.

ئىيۇن ئېيىدا چىقىرىلغان بىر پرېزىدېنتلىق قارارى بىلەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشى 250،000 سۈرىيە لىراسىدىن (تەخمىنەن 15 دوللار) 750،000 سۈرىيە لىراسىغا (تەخمىنەن 65 دوللار) ئۆستۈرۈلدى.

بۇ جەرياندا ئون تۆت يىللىق بومباردىماندا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تورىنى رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش خىزمەتلىرى باشلاندى.

ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى ئاساسلىق ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەرنىڭ ۋە تۈركىيەنىڭ قوللىشى بىلەن ئەزەربەيجاندىن تەمىنلەنگەن تەبىئىي گازنىڭ ھەسسىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلگىرى ئاغدۇرۇلغان ھۆكۈمەت مەزگىلىدە توك كۈنىگە پەقەت بىر قانچە سائەتلا بېرىلەتتى؛ يېڭى تەدبىرلەر بىلەن تەمىنلەش تېزلىكتە كۈنىگە 8-10 سائەتكە چىقىرىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا ھەلەب، ھومس ۋە دەمەشق قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە 15 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە ئۈزۈل-كېسىل 24 سائەتلىك توك تەمىنلەندى.

سەدنايا، مەززە ھەربىي تۈرمىسى ۋە خەتىب قاتارلىق سۈرىيە خەلقىدە قاراڭغۇ ئىز قالدۇرغان تۈرمىلەر مەڭگۈلۈك تاقالدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Turkish FM Fidan urges 'immediate' ouster of non-Syrian SDF elements for integration process

«سۈرىيە تېخىمۇ ياخشى بىر جايغا ئايلىنىشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە»

دەمەشقتە تۇرۇشلۇق كرىس تۇمې، ئەسەد ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە قاتناشنىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، يېقىلغۇ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ مۇلازىمەت ئۈچۈن سائەتلەپ ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۇمې: «ھازىر ماشىنىلارنى سېكۇنت ئىچىدە تاپالايمىز. بېنزىن ۋە دىزېلغا ئېرىشىش ئارقىلىق تۇرمۇش نورمالغا قايتتى. سۈرىيە تېخىمۇ ياخشى بىر جايغا ئايلىنىشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە» دېدى.

تۇمې تېخنىكا كىرىشىنىڭ يىللارچە توسۇلغانلىقىنى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار (AI) ساھەسىنىڭ ئەمدىلا بۇ يىل تەرەققىي قىلىشقا باشلىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالدى.

تۇمې: «ئۆزگىرىش بىزدىن باشلىنىدۇ. ئىنسانلار ئۆزگەرسە جەمئىيەتمۇ ئۆزگىرىدۇ» دېدى.

«ئون تۆت يىلدىن كېيىن قايتىپ كېلەلىگەنلىك، ئۆز ئالدىغا بىر ئىنقىلاب»

ئون تۆت يىلدىن كېيىن سۈرىيەگە قايتىپ كەلگەن زەينۇل ئابىدىن، ئاغدۇرۇلغان ھاكىمىيەت مەزگىلىدە كوچىدا گەپ قىلىشنىڭمۇ چەكلەنگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

زەينۇل ئابىدىن: «بۇرۇن پىكىر بايان قىلىش چەكلەنگەن ئىدى. بۈگۈن ئاۋازىمىزنى ئەركىن ئاڭلىتالايمىز» دېدى.

«ھېچنېمە ئۆزگەرمىدى دەيدىغانلار يا كۆرمەيدۇ ياكى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. ئون تۆت يىلدىن كېيىن دۆلىتىمىزگە قايتىپ كېلەلىگەنلىك، ئۆز ئالدىغا بىر ئىنقىلاب» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

ئۇ يەنە ئۇل ئەسلىھە ۋە مۇلازىمەتلەردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

زەينۇل ئابىدىن: «يوللار ياسىلىۋاتىدۇ، كىشىلەر پۇل ئۈچۈن ئەمەس، دۆلىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەۋاتىدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Al Sharaa warns Israel against tampering with 1974 ceasefire agreement with Syria

دۆلەت ھەقىقىي ئەسلىگە كەلمەكتە

دەمەشقتە تۇرۇشلۇق مەريەم ئەل-خالىد بىخەتەرلىك مۇھىتىنىڭ ئۆتمۈشكە سېلىشتۇرغاندا تەرىپلىگۈسىز دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇرۇن سەھىيە مۇلازىمەتلىرىگە ئېرىشىشتە كۆرۈلگەن قىيىنچىلىقلارنى ئىشارەت قىلىپ: «تۈنۈگۈن... يېتىلىش بۆلۈمى (kuvöz) گە ئېھتىياجى بولغان بىر بوۋاق دەرھال قوبۇل قىلىندى. بۇرۇن بۇ بەزى ئىشلارنى ئايلاندۇرماي تۇرۇپ مۇمكىن ئەمەس ئىدى» دېدى.

ئۇ شەھەر تازىلىقى، ئۇل ئەسلىھە، تەبىئىي رايونلار ۋە مائارىپتا تېز ياخشىلىنىشلار بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مەريەم ئەل-خالىد: «دۆلەت ھەقىقىي ئەسلىگە كەلمەكتە،» دېدى ۋە ئېلىپ بېرىلغان ياخشىلاش قەدەملىرىنىڭ سۈرىيەنى باشقا نورمال دۆلەتلەرگە ئوخشاش قىلىشقا باشلىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

«بۈگۈن ھەر يەردە ئىشەنچ بار»

2012-يىلدىن بېرى دەمەشقنى زىيارەت قىلمىغان خالىد ئەل-خەتىب، ئەسەد ھاكىمىيىتى مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك بېسىمىغا دىققەتلەرنى تارتتى.

خەتىب: «ئۇ يەر بىر تۈرمىگە ئوخشايتتى. شەھەردىن ئايرىلىش بىر خىيال ئىدى، بۈگۈن ھەر يەردە ئىشەنچ، ھۆرمەت ۋە شەرەپ بار» دېدى.

ئىقتىسادىي ئەسلىگە كېلىشنى ئىشارەت قىلىپ: «دوللار 17،000 دىن 12،000 غا چۈشتى. ھەممە نەرسە ياخشىلىنىۋاتىدۇ. سۈرىيە ئەڭ ياخشىسىغا لايىق،» دېدى.

غادىر مەسىفائا (Ghadir Masifaa) دۆلىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى «بىر ئىلاھىي مۆجىزە» دەپ سۈپەتلىدى.

غادىر مەسىفائا: «جارابلۇستىن دەمەشىققە كىملىكسىز، بېلەتسىز كەلدىم. ھېچكىم مەندىن ‹قەيەرگە كېتىۋاتىسەن؟› دەپ سورىمىدى. مانا بۇ ئەركىنلىكتۇر» دېدى.

دۆلىتىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ: «سۈرىيە ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، يۈكسىلىۋاتىدۇ. كىشىلەر بۇ ئۆزگىرىشنىڭ موتورى. دۆلىتىگە قايتقان ھەر بىر كىشىنى تەبرىكلەيمەن. سۈرىيە ئۇلارغا مۇھتاج» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران: ترامپ ئۇرۇش قوزغىيالىشى مۇمكىن، ئەمما قانداق ئاخىرلىشىشىنى كونترول قىلالمايدۇ
كولۇمبىيە پىرېزىدېنتى پېترود ئامېرىكاغا قارشى بىرلىشىش چاقىرىقىدا بولدى
كولومبىيەدە ئايروپىلان قازاسىدا 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
شىمالىي كورېيە غايەت زور راكېتامۇيوت سىستېمىسىنى سىناق قىلدى
ھىندىستاندا ئايروپىلان ۋەقەسىدە مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە باشقا 4 كىشى ئۆلدى
زېلېنسكىي ئۇكرائىنا زېمىن ۋە يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى مەسىلىسى بويىچە پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار
ئىران قوشنا دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇردى
تۈركىيە بىلەن نىگېرىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتكەن بىر پاراخوتتا ئۈچ فىرانسىيەلىك ساياھەتچى سۇغا غەرىق بولۇپ ئۆلدى
خىتاي ئىسلام ئەللىرى بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئورنىتىش چاقىرىقىدا بولدى
«توكيو تەيۋەن كىرىزىسىگە سەل قارىسا، ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق يىمىرىلىدۇ»
شى جىنپىڭ  فىنلاندىيە باش مىنىستىرى بىلەن ئاركتىكا خەۋپسىزلىكىنى مۇزاكىرىلەشتى
خاقان فىدان ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرىلەشتى
ئامېرىكا ئىران يېقىنلىرىغا ئاۋىئاماتكا ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئىراننىڭ «سۆزلەشمەكچى» بولغانلىقىنى ئېيتتى
لۇلا ترامپنى «تىنچلىق كېڭىشى» تەشەببۇسىغا پەلەستىننى كىرگۈزۈشىنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە چاقىردى