پىكىر
4 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ-پۇتىن ئۇچرىشىشىدىن خۇلاسە: رەھبەرلەر كۆرۈشتى، ئەمما ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى پەرقنى تۈگىتەلمىدى
ئامېرىكا ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتلىرى ئالياسكادا يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇكرائىنا توقۇنۇشى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى ياكى ھېچقانداق كونكرېت قەدەم-باسقۇچلارنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى.
ترامپ-پۇتىن ئۇچرىشىشىدىن خۇلاسە: رەھبەرلەر كۆرۈشتى، ئەمما ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى پەرقنى تۈگىتەلمىدى
پۇتىن ئالياسكادا قىزىل گىلەم سېلىنىپ قىزغىن كۈتۈۋېلىندى. سۈرەت: ئا پ. / AP
August 16, 2025

كىشىلەر تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە رەھبىرى ۋلادىمىر پۇتىن ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىش، ئالياسكادىكى بىر ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدا قىزغىن كۈتۈۋېلىش ۋە گۈلدۈرلەپ ئۇچقان كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ ئاۋازى بىلەن باشلانغان بولسىمۇ، جۈمە كۈنى (15-ئاۋغۇست) ئۇلارنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى قانداق ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى بىلەن نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.

ئانكورېجدىكى ئېلمېندورف-رىچاردسون بىرلەشمە ھەربىي بازىسىدا تەخمىنەن 2 يېرىم سائەتلىك سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى رەھبەر مۇخبىرلار ئالدىدا پەيدا بولدى، بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا،  ھېچقانداق سوئال سوراشقا يول قويۇلمىدى.

ترامپ مۇنداق دېدى:

«بىز ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدۇق ۋە نۇرغۇن نۇقتىلاردا كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق، پەقەت ئاز بىر قىسىملا قالدى. بىز ئۇ نۇقتىغا تېخى يېتەلمىدۇق، ئەمما يېتىش ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەتلىرىمىز بار«.

-2022يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش توختىمىغانلىقى ئۈچۈن غەربتىكى ئىتتىپاقداشلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ئامېرىكادا كۈتۈۋېلىنغان پۇتىن، ترامپقا بۇ ئۇچرىشىشنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى ۋە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:  «كېلەر قېتىم ئىككى رەھبەر موسكۋادا ئولتۇرۇشىمىز مۇمكىن« دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump–Putin Summit

بۇ ئۇچرىشىشتىن چىقىرىلغان مۇھىم خۇلاسىلەر:

قىزغىن كۈتۈۋېلىش، ترامپ-پۇتىن مۇناسىۋىتىنىڭ دوستانە ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈردى.
پۇتىن قىزىل گىلەم بىلەن كۈتۈۋېلىندى، ھەتتا ئايرودۇرۇمدىن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلىدىغان جايغىچە ترامپنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ باردى.

يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىغان جايدا ئىككى رەھبەرگە، ئامېرىكا تەرەپتىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ماركو رۇبىيو، ترامپنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ستېۋ ۋىتكوف؛ رۇسىيە تەرەپتىن، ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى يۇرىي ئۇشاكوۋ ھەمراھ بولدى.

ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئالدى بىلەن پۇتىن سۆز قىلدى. ئۇ ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي مۇناسىۋەتنى ماختاپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىككى دۆلەت ئېلىپ بارغان بىرلەشمە ھەرىكەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئۇ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى؛ بۇ رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ترامپ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنى قايىل قىلماقچى بولغاندا ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزلەر.

پۇتىن يەنە، ئەگەر ترامپ 2020-يىلدىكى سايلامدا غەلىبە قىلغان بولسا، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئېيتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

رۇسىيە رەھبىرى: «مېنىڭچە شۇنداق بولاتتى» دېدى.

بىراق، ئەگەر دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى جو بايدىن سايلانمىغان بولسا، موسكۋانىڭ ئۇكرائىناغا قارىتا باشقىچە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئالامەت ياكى ئىسپات يوق.

ترامپ ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئەمما كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
ترامپ بۇ ئۇچرىشىشقا پۇتىننى ئۇكرائىنا بىلەن ئۇرۇش توختىتىشقا قايىل قىلىشنى، ياكى ھېچ بولمىغاندا رۇسىيەدىن بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ۋەدە بېرىشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى.

ئەمما، ترامپ «بىز تېخى ئۇ نۇقتىغا يېتەلمىدۇق» دەپ ئېتىراپ قىلدى. كېيىنكى قەدەملەر توغرىسىدا بولسا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ۋە ناتو رەھبەرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump and Putin leave Alaska summit hopeful, yet no Ukraine deal

»ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىش«

ترامپ پۇتىن بىلەن توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش نىشانىدا بىر قىسىم مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىرىنى ئېيتتى، ئەمما بۇنىڭ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى. ئۇ ماھىيەتلىك پەرقنى تۈگىتەلمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

ترامپ: «مېنىڭچە بىز ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدۇق، بىز تېخى ئۇ نۇقتىغا يېتەلمىدۇق، ئەمما بىر قىسىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. شۇڭا، يېڭى كېلىشىم ھاسىل بولمىغۇچە، ھېچقانداق كېلىشىم يوق» دېدى.

ئۇ كېيىنچە فوكىس خەۋەرلىرى (Fox News)  قانىلىنىڭ مۇخبىرى (Sean Hannity) سېن خاننىتىنىڭ زىيارىتىنى قىلغاندىمۇ، پۇتىن بىلەن بولغان مۇزاكىرەلىرى ھەققىدە ھېچقانداق تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

دىپلوماتىك ئىلگىرىلەش ئاستا بولغاچقا، پۇتىن ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن سوزۇلۇپ كەتكەن دىپلوماتىك ھەرىكەتلەر ئىچىدە ۋاقىت جەھەتتىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرماقتا. بۇ رۇسىيە قوشۇنلىرىغا ئەۋزەللىك ئېلىپ كېلىدۇ. رۇسىيە توقۇنۇشنىڭ 3 يېرىم يىلىدا سان جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى مۇداپىئەنى ئاستا-ئاستا يىمىرىپ تاشلىدى.

پۇتىن ئامېرىكا تۇپرىقىدا ئەركىن دۇنيانىڭ رەھبىرى تەرىپىدىن ياخشى كۈتۈۋېلىندى ۋە بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن نېمىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ رېئاللىققا يېقىنلاشقان-يېقىنلاشمىغانلىقى ياكى كېيىنكى قەدەملەرنىڭ نېمە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەي ئايرىلدى.

پۇتىن ترامپنى سۆھبەتنىڭ «دوستانە» كەيپىياتتا بولغانلىقىدىن ۋە  «رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى بارلىقىنى چۈشەنگەنلىكى» ئۈچۈن ماختىدى. ترامپ بولسا، موسكۋانىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۇكرائىنا پۇقرالىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئاشكارا ھېچنېمە دېمىدى.

پۇتىن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان موسكۋا بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ «يېڭى سەھىپە ئېچىشى» كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - After Trump summit, Putin tells Ukraine, Europe not to 'create any obstacles' to peace

قىزىل گىلەم

پۇتىننىڭ 10 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئامېرىكادا پەيدا بولۇشىنى، موسكۋا ئەمدى رۇسىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدە چەتكە قېقىلغان دۆلەت ئەمەسلىكىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە پايدىلاندى.

 رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى بىر يازمىسىدا ئەگەشكۈچىلىرىگە، غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ «ئەقلىدىن ئېزىش» نىڭ گىرۋىكىگە كېلىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئۈچ يىل بويىچە ئۇلار رۇسىيەنىڭ يالغۇزلىشىپ قالغانلىقىنى سۆزلىدى، بۈگۈن بولسا ئۇلار ئامېرىكادا رۇسىيە پىرېزىدېنتىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن قىزىل گىلەمنىڭ سېلىنغانلىقىنى كۆردى.»

ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ھېچقانداق تەپسىلىي مەلۇمات ئېلان قىلىنمىدى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سوئال سورالمىدى. ھەر ئىككى رەھبەر سۆھبەتنىڭ «ئۈنۈملۈك» بولغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق كونكرېت نەتىجىنىڭ ئېلان قىلىنماسلىقى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ قويدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 15 مىنۇتقا يەتمىگەن بىر قەدەر ئۆلچەملىك دىپلوماتىك سۆزلەردىنلا ئىبارەت بولدى. كونكرېت نەتىجىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى. ئۇلارنىڭ باياناتلىرى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە ئېيتقان ئىلگىرىكى سۆزلىرىدىن ئانچە پەرقلەنمىدى.

ترامپ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە دۇنيا رەھبەرلىرى ئالدىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقنى ئادەت قىلغان ئىدى. ئەمما، بۇ قېتىم ئۇ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنىڭ ئەڭ ئېنىق ئىپادىسى سۈپىتىدە، سوئال قوبۇل قىلىش پىلانىنى تۇيۇقسىز توختاتتى.

ترامپ ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ مەغلۇب بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ %25 ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ «ئەھۋالنى چۈشىنىش يىغىنى» بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

ئۇ يەنە ئەگەر ئىشلار ياخشى بولسا، زېلېنسكىينى ئالياسكاغا ئېلىپ كېلىپ، كېيىنكى قەدەمدە ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش پىلانىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇنىڭدىن كېيىن نېمە بولىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

ئىزدىنىڭ
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىسى ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنى «مودىنىڭ ئۇرۇشى» دەپ ئاتىدى
ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى چوڭقۇرلاشماقتا: مودى  ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشىدۇ
سۇيىقەستلىك ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىدا قانداق ئىشلار يۈز بەردى؟
ئىتالىيە: ياۋروپا ئىتتىپاقى 24 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى پىلانى تۈزمەكتە
خىتاينىڭ ئېكسپورتى ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن تاموژنا بېجى كېلىشىمىدىن كېيىن ئۆرلىدى
ئامېرىكا كۆچمەنلەرنى ئالتە سائەت ئالدىن ئۇقتۇرۇش بىلەنلا ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە  قوغلاپ چىقىرالايدۇ
ئەردوغان: سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىنكار قىلىنىشىنى رەت قىلىمىز
فىدان: تۈركىيە پاكىستان دېڭىز تەۋەلىكىدە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلايدۇ
ھاماسنىڭ يېڭى رەھبىرى ئىززەددىن ئەلھەدداد كىم؟
بېسسېنت: «ئەگەر سودا كېلىشىملىرى تۈزۈلمىسە، ئامېرىكا تاموژنا بېجى 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ
ترامپ سابىق ئىتتىپاقدىشى ماسكنىڭ سىياسىي پارتىيەسىنى «ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش» دەپ ئاتىدى
ئامېرىكا تېررورچىلارغا قارشى ئۇرۇشۇش ئۈچۈن تېررورچىلارنى مالىيە بىلەن تەمىنلىمەكتە
دالاي لامانىڭ ۋارىسى قانداق تاللىنىدۇ؟
ئەردوغان پاشىنياننىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا ئەرمېنىيە-ئەزەربەيجان تىنچلىقىنى قوللىدى
ئەردوغان ئۇرۇشنىڭ كۆچمەن دولقۇنى ۋە يادرو خەتىرىنى قوزغىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
مۇسۇلمان ھاجىلار مۇزدەلىفەگە يۈرۈش قىلدى، شەيتانغا تاش ئاتتى