سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە ئەرمېنىيەدىكى باش ئەلچىسىنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن موسكۋاغا چاقىردى
باش ئەلچى سېرگېي كوپىركىننىڭ مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن موسكۋاغا چاقىرتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رۇسىيە ئەرمېنىيەدىكى باش ئەلچىسىنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن موسكۋاغا چاقىردى
رۇسىيە ئەرمېنىيەدىكى باش ئەلچىسىنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن موسكۋاغا چاقىردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيەدىكى باش ئەلچىسىنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن موسكۋاغا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيەنىڭ يېرېۋاندىكى باش ئەلچىسى سېرگېي كوپىركىننىڭ مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن موسكۋاغا چاقىرتىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇنىڭ ئەرمېنىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن يېقىنلىشىش يۆنىلىشىدە تاشلىغان قەدەملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا: «بۇ قەدەملەر ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى دائىرىسىدىكى ھەمكارلىققا زىيان يەتكۈزىدۇ» دېيىلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەرمېنىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن يېقىنلىشىشىنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەرمېنىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن يېقىنلىشىش مۇساپىسى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىدا تۇرۇش يۆنىلىشىدىكى پوزىتسىيەسىنى رۇسىيە قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەن ئىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنمۇ ئەرمېنىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان تەقدىردە، رۇسىيە بازىرىغا ئەۋەتىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى ئۆلچەملىرىنىڭ ئەمدى كۈچكە ئىگە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەرمېنىيەدىكى ۋەزىيەتنى ئۇكرائىناغا ئوخشاتقان پۇتىن: «ئۇكرائىنا كىرىزىسى بىر چاغلاردا ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۇرۇنۇشلىرى بىلەن باشلانغان ئىدى» دېگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى