خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىرانغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى توختىتىش قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى
بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلتاي تەستىقلىغان ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇرۇش ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىرانغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى توختىتىش قانۇن  لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىرانغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى توختىتىش قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىرانغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى توختىتىشقا قارىتىلغان، پىرېزىدېنت دونالد ترامپقا رايوندىكى ھەربىي كۈچىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش بۇيرۇقى چۈشۈرىدىغان «ئۇرۇش ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىدى.

ئاۋام پالاتاسىدا دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى سېت مولتون سۇنغان ئۇرۇش ھوقۇقىغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلدى.

ئىرانغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى توختىتىش نىشانى بىلەن ترامپقا «رايوندىكى ھەربىي كۈچنى چېكىندۈرۈپ چىقىش» بۇيرۇقى چۈشۈرىدىغان بۇ لايىھە، 204 «رەت» ئاۋازغا قارشى 220 «قوللاش» ئاۋازى بىلەن قوبۇل قىلىندى.

لايىھەگە «قوللاش» بېلىتى تاشلىغانلارنىڭ يەتتىسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئەزاسى گرېگورىي مىكس ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئىران بىلەن 200 كۈندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان جىددىيچىلىكتە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بېكىتكەن نىشانلىرىغا يېتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىكس يېقىلغۇ باھاسى، پۇل پاخاللىقى ۋە ھۆكۈمەت چىقىملىرىدىكى ئېشىشنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلتاي تەستىقلىغان ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇرۇش ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى بولدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بۇ مەغلۇبىيەتلىك ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىشى ھەمدە ھورمۇز بوغۇزىنى ئاچىدىغان ۋە جىددىيچىلىكنى پەسەيتىدىغان دىپلوماتىك بىر ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە كۆپ تەرەپلىك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرىنى ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي دىپلوماتلارنى تەيىنلىشى كېرەك»

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى