دۇنيادىكى ھەربىي ئىشلار كۆزەتكۈچىلىرى ھەيران قالغان

ب ب س نىڭ تەكشۈرۈش ئەترىتى ھىندىستاننىڭ پەنجاپ ئىشتاتىدا ئوت كەتكەن ئېتىزلىقنىڭ ئەتراپىدا تارتىلغان ۋە پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئايروپىلاننىڭ كۆيگەن قالدۇقلىرى كۆرسىتىلگەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ۋىدېيونى توغرىلىدى.

ب ب س فىرانسىيەدە ياسالغان رافائېل كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقلىرى كۆرسىتىلگەن ۋىدېيولارنى دەلىللىدى. سۈرەت: فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (AFP) / AFP

ھىندىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىدىكى باتىندا رايونىدا ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ كۆيۈپ كەتكەن قالدۇقلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دراماتىك سۈرەتلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئىسلامئاباد چارشەنبە كۈنى (2025-يىلى 7-ماي) ئەتىگەندە ھىندىستان-پاكىستان چېگراسىدىكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان ۋەزىيەت ئاستىدا، ھىندىستاننىڭ بەش دانە ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھىندىستان ھازىرغىچە ئېغىزىنى چىڭ يۇمۇپ، خەۋەرلەرنى دەلىللەش ياكى رەت قىلىش توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ب ب س نىڭ تەكشۈرۈش ئەترىتى ئەڭ ئاز دېگەندە بىر قېتىملىق ھادىسەنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرسىتىدىغان ئۈچ ۋىدېيونى دەلىللىدى.

بۇ ئۈچ ۋىدېيونىڭ ھەممىسى ھىندىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسى باتىندا شەھىرىگە يېقىن بىر جايدا تارتىلغان دەپ قارالدى.

بىر ۋىدېيودا، ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ مېتال ئەخلەتلەرنى ئېلىۋالغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە فىرانسىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىنى تەمىنلىگەن رافائېل (Rafale) ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ بارلىقى كۆرۈلىدۇ.

 

كەچتە ئوخشاش ئورۇندىن تارتىلغان ئىككى ۋىدېيودا، لاۋۇلداپ كۆيگەن ئوت ۋە زەمبىرەك ئوقىنىڭ ئاسماندىن ئۇچۇپ، يەرگە چۈشكەنلىكى كۆرۈلىدۇ.

پاكىستاننىڭ دەۋاسىنى كۈچەيتىدىغان تەھلىل

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى:

«بۇ كۆرۈنۈشلەر ھاۋا ھۇجۇمى ياكى ئاسمان ئۇرۇشى بىلەن بىردەك بولۇپ، پاكىستاننىڭ <بىردىن كۆپ رېئاكتىپ ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردۇق> دېگەن باياناتىنىڭ توغرا بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىدۇ.»

ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ سابىق ئوفىتسېرى، بىخەتەرلىك شىركىتى سىبىللىن (Sibylline) نىڭ باشلىقى جاستىن كرامپ (Justin Crump)  ب ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ قالدۇقلار فىرانسىيەدە ياسالغان رافائېل ئايروپىلانىغا ماس كېلىدىغان ھىندىستاندا ياسالغان مىراج (2000-Mirage) ناملىق ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «BS001» ۋە «Rafale» بەلگىسى قويۇلغان ئايروپىلان قۇيرۇقىنىڭ ئۇچى تارتىلغان رەسىم كەڭ تارقالدى.

ب ب س تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر، كەينىگە رەسىم ئىزدەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ رەسىمنىڭ يېڭى ئىكەنلىكى ۋە ئىلگىرىكى ھېچقانداق ۋەقەدىن ئۆزگەرتىلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

ھازىرغا قەدەر مەلۇم بولغان ئەھۋاللار،  دۇنيا ھەربىي كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قاتتىق كۈچەيتىۋاتىدۇ.

پاكىستاننىڭ ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلانى بىلەن ھىندىستاننىڭ فىرانسىيەدە ياسالغان كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ، دۇنيانى زامانىۋى كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ۋە بېسىم ئاستىدىكى ئۇچقۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك قىممەتلىك يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى ئەمەلدارى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «ئاز دېگەندە ھىندىستاننىڭ ئىككى ئايروپىلانى  ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن بولۇشى ۋە بۇنىڭ بېيجىڭنىڭ پاكىستانغا كۈرەشچى ئايروپىلان تېخنىكىسى ئېكسپورت قىلىشىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

 

دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇش

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىكرام مىسرى چارشەنبە كۈنى (7-ماي) چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، يوقاپ كەتكەن ياكى چۈشۈپ كەتكەن ھەر قانداق بىر ئايروپىلاننىڭ بار-يوقلۇقى توغرىسىدا گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى تېخىمۇ كەڭ رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشتىن ساقلىنىش چاقىرقلىرى كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا داۋالغۇش ئىچىدە تۇرماقتا.