تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ت ر ت تۈركىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئاۋازى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت (TRT) نىڭ 61 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
ت ر ت تۈركىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئاۋازى
ئەردوغان ت رت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 61يىللىقىنى تەبرىكلىدى / AA

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئېكس (X) ئادرېسىدا ت ر ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 61 يىللىقىنى تەبرىكلەپ ئۇچۇر ھەمبەھرلىدى.

 ئۇ ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى:

«ت ر ت دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى تاراتقۇ ئورگانلىرى ئارىسىدا ئۆز ئورنىنى تىكلەپ، تۈركىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئاۋازى بولۇپ كەلدى.»

ئۇ ت ر ت ئائىلىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا ياخشى تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ ت ر ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 61 يىللىقىنى تەبرىكلىدى ۋە بۇ ئىدارىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەقىقەت، دۆلەت خاتىرىسى ۋە دۇنياۋى ئالاقە تىرىشچانلىقىدىكى مۇھىم تۈۈرۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇچۇرىدا ت ر ت نى «خەلقىمىزنىڭ ئاۋازى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ خاتىرىسى» دەپ تەرىپلەپ، ت ر ت نىڭ 61 يىللىق تارىخىدىكى ئاخباراتچىلىق ۋە دۆلەت خىزمىتىدىكى تۆھپىسىنى ماختىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

 «ت ر ت ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىسى بىلەن پەقەت ئاخبارات تارقىتىش بىلەنلا قالماي، ھەقىقەتنى قوغداپ، قىممەت ياراتتى ۋە دۆلەت بىلەن خەلق ئارىسىدا كۈچلۈك ئالاقە كۆۋرۈكى بەرپا قىلدى.»

ئۇ ت ر ت نىڭ تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ئاۋازىنى كۈچەيتىشتىكى رولىنى تەكىتلىدى ۋە خەلقئارادا ئادالەت تەلەپ قىلىش ھەمدە ئۇچۇر-ئالاقىدە ئىگىلىك ھوقۇقى كۆز قارىشىنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ت ر ت كۈنىمىزدە  پەقەت تاراتقۇ ئورگىنى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھەقىقەت، قىممەت ۋە كۆز قاراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان تۈركىيە ئۇچۇر-ئالاقە ئەندىزىسىنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «تۈركىيە ئەسىرى» سايىسى ئۈستىدە توختىلىپ، ت ر ت نىڭ تۈركىيەنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى ئورنىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم رولىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.

ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر-ئالاقە سىياسىتى رامكىسىدا، ت ر ت نىڭ ئورگان كۈچىنى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە دۇنياۋى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشكە داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

ئۇ ئاخىرىدا، ت ر ت نىڭ ھازىرقى ۋە بۇرۇنقى  خىزمەتچىلىرىگە رەھمەت ئېيتىپ، ئىدارىنىڭ ئاخبارات تارقىتىش يولىدا داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»