ت ر ت تۈركىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئاۋازى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت (TRT) نىڭ 61 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
ئەردوغان ت رت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 61يىللىقىنى تەبرىكلىدى / AA
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئېكس (X) ئادرېسىدا ت ر ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 61 يىللىقىنى تەبرىكلەپ ئۇچۇر ھەمبەھرلىدى.
ئۇ ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى:
«ت ر ت دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى تاراتقۇ ئورگانلىرى ئارىسىدا ئۆز ئورنىنى تىكلەپ، تۈركىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئاۋازى بولۇپ كەلدى.»
ئۇ ت ر ت ئائىلىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا ياخشى تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ ت ر ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 61 يىللىقىنى تەبرىكلىدى ۋە بۇ ئىدارىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەقىقەت، دۆلەت خاتىرىسى ۋە دۇنياۋى ئالاقە تىرىشچانلىقىدىكى مۇھىم تۈۈرۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئۇچۇرىدا ت ر ت نى «خەلقىمىزنىڭ ئاۋازى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ خاتىرىسى» دەپ تەرىپلەپ، ت ر ت نىڭ 61 يىللىق تارىخىدىكى ئاخباراتچىلىق ۋە دۆلەت خىزمىتىدىكى تۆھپىسىنى ماختىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى:
«ت ر ت ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىسى بىلەن پەقەت ئاخبارات تارقىتىش بىلەنلا قالماي، ھەقىقەتنى قوغداپ، قىممەت ياراتتى ۋە دۆلەت بىلەن خەلق ئارىسىدا كۈچلۈك ئالاقە كۆۋرۈكى بەرپا قىلدى.»
ئۇ ت ر ت نىڭ تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ئاۋازىنى كۈچەيتىشتىكى رولىنى تەكىتلىدى ۋە خەلقئارادا ئادالەت تەلەپ قىلىش ھەمدە ئۇچۇر-ئالاقىدە ئىگىلىك ھوقۇقى كۆز قارىشىنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «ت ر ت كۈنىمىزدە پەقەت تاراتقۇ ئورگىنى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھەقىقەت، قىممەت ۋە كۆز قاراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان تۈركىيە ئۇچۇر-ئالاقە ئەندىزىسىنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ» دېدى.
ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «تۈركىيە ئەسىرى» سايىسى ئۈستىدە توختىلىپ، ت ر ت نىڭ تۈركىيەنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى ئورنىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم رولىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.
ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر-ئالاقە سىياسىتى رامكىسىدا، ت ر ت نىڭ ئورگان كۈچىنى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە دۇنياۋى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشكە داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
ئۇ ئاخىرىدا، ت ر ت نىڭ ھازىرقى ۋە بۇرۇنقى خىزمەتچىلىرىگە رەھمەت ئېيتىپ، ئىدارىنىڭ ئاخبارات تارقىتىش يولىدا داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.