سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئافغانىستان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىغا قوشۇلدى
خىتاي، پاكىستان ۋە ئافغانىستان بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش، ئالاقىنى ئاشۇرۇش ھەمدە سودا، ئۇل ئەسلىھە ۋە تەرەققىياتنى قوللايدىغان كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاش ئۈچۈن مۇزاكىرىلەشتى.
ئافغانىستان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىغا قوشۇلدى
ئافغانىستان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىغا قوشۇلدى / Reuters

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي باياناتىغا ئاساسلانغاندا، چارشەنبە كۈنى خىتاي، پاكىستان ۋە ئافغانىستان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى تۈرىنى ئافغانىستانغا كېڭەيتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

بۇ كېلىشىم خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ساھىبخانلىقىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئىشقا ئاشقان. يىغىنغا پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىسھاق دار ۋە ئافغانىستان ۋاقىتلىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىرخان مۇتتەقىم قاتناشقان.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا: «تەرەپلەر ‹بىر بەلباغ، بىر يول› تەشەببۇسى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنى ئافغانىستانغا كېڭەيتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بېيجىڭدىن ئايرىم ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، ئۈچ دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقى، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ ئافغانىستانغا كېڭەيتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ۋە رايونلۇق ئالاقە تورلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

64  مىليارد دوللارلىق بۇ لايىھە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ بايراقدار تەركىبىي قىسمىدۇر. بۇ لايىھە خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇيغۇر رايونىنى پاكىستاننىڭ بەلۇجىستان ئۆلكىسىدىكى گۋادار پورتىغا تۇتاشتۇرۇپ، يول، تۆمۈريول ۋە تۇرۇبا لىنىيەسى تورى ئارقىلىق يۈك، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز توشۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى خىتاينىڭ يەرشارىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھەرىكىتى بولۇپ، خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقۇچى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي باغلىنىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىدۇ.

يىغىن جەريانىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ دىپلوماتىك ئالاقىنى كۈچەيتىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ياخشىلاش ھەمدە سودا، ئۇل ئەسلىھە ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاش يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە رايونلۇق مۇقىملىق بىلەن گۈللىنىشنى قوللاشقا دائىر ئورتاق ۋەدىلەر تەكىتلىدى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى
تىكتوك 400 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى: ئىران ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆزگەرتتى
ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى: نېتانىياھۇ تۈركىيە بىلەن «كېرەكسىز» جىددىيچىلىك پەيدا قىلماقتا
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: تۈركىيە سۈرىيەنى قايتا قۇرۇشتىكى «ھالقىلىق شېرىك»