مەدەنىيەت
1 مىنۇت ئوقۇش
مۈشۈكلەر نېمە ئۈچۈن ئادەملەرگە قاراپ مىياۋلايدۇ؟
بىرازىلىيە ئالىملىرى مۈشۈكلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئادەملەرگە قاراپ مىيالايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىدى.
مۈشۈكلەر نېمە ئۈچۈن ئادەملەرگە قاراپ مىياۋلايدۇ؟
بىخەتەر ئۇۋىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۈشۈك.

مۈشۈكلەرنىڭ مىياۋلاش ئارقىلىق ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ئادەملەرنىڭ ھەل قىلىپ بېرىشىنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئېنىقلاندى.

بىرازىلىيەدىكى سان-پاۋلو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھايۋاناتلار ھەرىكىتى مۇتەخەسسىسلىرى، يېمەكلىك تەلەپ قىلىپ پات-پات مىياۋلايدىغانلىقى مەلۇم بولغان 38 ئۆي مۈشۈكى ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ باردى.

تەجرىبىدە، مۈشۈكلەرگە ئىچىدىكى يېمەكلىكنى يىيەلمەيدىغان، تۆشۈكچىلىرى بار يالتىراق قۇتا بېرىلدى.

مۈشۈكلەرنىڭ بۇ خىل ئەھۋال ئالدىدىكى ھەرىكىتى، ئۆيدە ئادەم بار ۋە ئادەم يوق ئىككى ئوخشىمىغان ئەھۋالدا كۆزىتىلدى.

ئۆيدە ئادەم بولغان ئەھۋالدا، مۈشۈكلەرنىڭ جەمئىي 86 قېتىم مىياۋلىغانلىقى، ئۆيدە يالغۇز قالغاندا بولسا، بۇ ساننىڭ پەقەت 20 قېتىم بولغانلىقى خاتىرىلەندى.

تەھلىللەرنىڭ نەتىجىسى، ئۆيدە ئادەم بار چاغدا مۈشۈكلەرنىڭ مىياۋلاش ئېھتىماللىقىنىڭ 16 ھەسسىدىن كۆپ بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

مۈشۈكلەر بىر دەم ئادەملەرگە بىر دەم يېمەكلىكلەرگە قارىغان

تەتقىقاتچىلار مۈشۈكلەرنىڭ مىياۋلىغان چاغدا بىۋاسىتە ئادەملەرگە قارىغانلىقى ۋە كۆزىنى يېمەكلىك قۇتىسى بىلەن ئادەملەردىن ئۈزمىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

ئۆيدە ئادەم بولمىغان چاغدا بولسا، مۈشۈكلەرنىڭ كۆپ ھەرىكەت قىلماي ئىشىككە قاراپ تۇرغانلىقى كۆزىتىلدى.

«ھايۋاناتلار ھەرىكىتى» (Animal Behaviour) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقانلاردىن بىرى نايلا فۇكىموتو (Naila Fukimoto) ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنىڭ، مىياۋلاشنىڭ پەقەتلا تەسادىپىي ئىنكاس بولماستىن، بەلكى بەلگىلىك بىر نىشانلىق ئوبيېكتقا قارىتىلغان ئالاقە قورالى سۈپىتىدە قوللىنىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيە: ياۋروپامۇ ئەبۇ زەبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ
ترامپ: ئىرانغا قىلىنغان زەربە تارىخىمىزدىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق قەدەملەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە قالىدۇ
ئامستېردامدىكى «قىزىل سىزىق» نامايىشىغا 200 مىڭدىن كۆپ كىشى قاتناشتى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سەنئاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 44 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى
تۈركىيە بىلەن ئىراق ئورتاق ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلدى
پولشانىڭ كىراكۇۋ شەھىرىدە بىر ئاشقۇن ئوڭچىل قوراللىق ھۇجۇمچى ئالتە كىشىنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى قۇرۇش ۋەزىپىسى نېتانياھۇغا ئەمەس، گادى ئېيسېنكاتقا بېرىلدى
مەھمەت شىمشەك ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئىقتىسادى تەسىرى ئۈستىدە توختالدى
ئەردوغان تىرامپ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى مۇزاكىرىلەشتى
غەززەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە، 12 سائەت ئىچىدە 70 مىڭ چېدىر سۇ ئاستىدا قالدى
ئامېرىكا ئىراقتىن ئىران بىلەن بولغان چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى
خاقان فىدان: خەلقئارالىق تۇتاشتۇرۇشچانلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈركىيە تەشەببۇسىنىڭ ۋاقتى كەلدى
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئىرانغا قارشى «تۆمۈر دەرۋازا» ۋەزىپە قىسمى قۇردى
خەلقئارا قانۇن بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى گىرەلىشىپ كەتكەن غەززە
«خەلقئارا تۈزۈمدىكى ئامېرىكا پارادوكسى» مۇزاكىرە قىلىندى