خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
كۇۋەيت ئىراننىڭ ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
كۇۋەيت ھۇجۇملارغا ئىراننىڭ تامامەن جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن لازىملىق پۈتۈن تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
كۇۋەيت ئىراننىڭ ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
كۇۋەيت ئىراننىڭ ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

كۇۋەيت، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن زېمىنلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇلارنى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە قاراتقان خەتەرلىك جىددىيچىلىك ۋە ئاشكارە خىلاپلىق قىلىش دەپ ئاتىدى.

كۇۋەيت رەسمىي دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى KUNA نىڭ پەيشەنبە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا تايىنىپ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۇجۇملار پۇقرالار ۋە مۇھىم ئەسلىھەلەر ئۈچۈن بىۋاسىتە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن. مىنىستىرلىق، «تاجاۋۇزچى ھۇجۇملار» دەپ سۈپەتلىگەن ئىراننىڭ قىلمىشلىرىنى دەرھال ۋە شەرىتسىز ھالدا توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

مىنىستىرلىق يەنە ھۇجۇملارغا ئىراننىڭ تولۇق جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە كۇۋەيتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەمدە تۇپراقلىرىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن لازىملىق پۈتۈن تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىنىڭ ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى بەندەر ئابباس ئايرودرومى يېقىنلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ئامېرىكانىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا جاۋابەن كۇۋەيتتكى بىر ئامېرىكا ھەربىي ھاۋا بازىسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى جاكارلىشىدىن كېيىن، كۇۋەيت دائىرىلىرى يۇقىرى باياناتنى ئېلان قىلدى.

ئىراننىڭ يېرىم رەسمىي تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىىلىرى، ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھىرىگە جايلاشقان ئايرودرومغا يېقىن بىر رايوننى ئامېرىكانىڭ ھاۋا ئەسلىھەلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىشىدىن بىر قانچە سائەت كېيىن ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمىنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى: «بۇ جاۋاب، دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزچىلىقنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى بىلىشى ئۈچۈن ئېلان قىلىنغان جىددىي بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر»، دېدى ھەمدە ھۇجۇملار تەكرارلانغان ئەھۋالدا «تېخىمۇ قەتئىي» جاۋاب بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

پەيشەنبە كۈنى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بەرگەن بىر ئامېرىكىلىق ئەمەلدار، ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزى يېقىنلىرىدا تۆت ئىران ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ۋە بەندەر ئابباستا يېڭى بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قويۇپ بېرىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىران يەر يۈزى كونترول ئىستانسىسىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەمەلدار، ئامېرىكانىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ «ئۆلچەملىك» ۋە «تولۇق مۇداپىئە مەقسەتلىك» ئىكەنلىكىنى ئاقلاپ، بۇلارنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوغداشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران كېيىنچە ئامېرىكانىڭ بەندەر ئابباس يېقىنىدىكى ھەربىي ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ۋە ۋاشىنگتوننى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلىش ھەمدە رايون دۆلەتلىرىگە تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرالدا ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشىدىن بۇيان رايون خاراكتېرلىق جىددىيچىلىك يۇقىرى سەۋىيەدە داۋاملاشماقتا. بۇ ھۇجۇملاردىن كېيىن ئىران رايون مىقىياسىدا ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرى ئېلىپ بارغان ۋە ھورمۇز بوغۇزىنى تاقىۋەتكەن ئىدى.

پاكىستاننىڭ ۋاسىتىچىلىقى بىلەن 8-ئاپرېلدا ئۇرۇش توختىتىش كۈچكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئىسلامئابادتىكى مۇزاكىرىلەر تېخىچە مەڭگۈلۈك بىرەر كېلىشىمنى ئوتتۇرىغا چىقىرالمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran condemns US attack near Bandar Abbas, vows to defend sovereignty
ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىران ئۇرۇشى پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كامپ داۋىدتا يىغىن چاقىردى
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ: ئىران مەسىلىسى ھەل قىلىنسا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەيدۇ
رۇسىيە كىيېۋدىكى يەنە بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلدى، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى