روھىڭگيا ۋە بېنگاللىقلارنى توشۇۋاتقان كېمە چۆكۈپ كەتتى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس
بېنگال دائىرىلىرى ھىندى ئوكياندىن توققۇز كىشىنى قۇتقۇزۇۋالدى. شاھىتلارنىڭ ئېيتىشىچە، سۇغا غرق بولۇش سەۋەبىدىن ئونلىغان كىشى ئۆلگەن.
بىر ساقچى ئەمەلدارىنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، 250 تىن ئارتۇق تەرتىپسىز روھىڭيا ۋە بېنگاللىق كۆچمەنلەرنى توشۇۋاتقان بىر كېمىنىڭ، كوكىس بازار (Cox’s Bazar) قىرغىقىدىن مالايسىياغا قاراپ يولغا چىققاندىن كېيىن ئاندامان دېڭىزىدا چۆكۈپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
بېنگال ساھىل مۇداپىئە ئەترىتى، 9-ئاپرېلدا ھىندى ئوكياندىن توققۇز كىشىنى قۇتقۇزۇپ تېكناف ساقچى مەركىزىگە تاپشۇرۇپ بەردى. قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار ئارىسىدىكى ئالتە كىشىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىپ تۈرمىگە ئەۋەتىلدى.
تېكناف ساقچى مەركىزى، ناچار ھاۋا رايى سەۋەبىدىن چۆكۈپ كەتكەن كېمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك «قانۇنسىز كۆچمەن توشۇش» دېلوسى ئاچتى.
بېنگال ساھىل مۇداپىئە ئەترىتى، بېنگال بايرىقى قادالغان بىر پاراخوتنىڭ ئاندامان ئاراللىرى ئەتراپىدا قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنى بىخەتەر ھالدا قوبۇل قىلغانلىقىنى دەلىللىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى (UNHCR) ۋە خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى (IOM) نىڭ بېنگال ئىشخانىسى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ پاجىئەلىك ۋەقەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك يۇرت-ماكانسىز قېلىشنىڭ ۋە روھىڭگيالارغا قارىتىلغان دائىمىي ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئاگېنتلىقلار «خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ۋە ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ياردەملەرنىڭ سىجىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.
بېنگال تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭ روھىڭگيالىقلارغا ساھىبخانلىق قىلماقتا. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 2017-يىلى ئاۋغۇستتىكى مىيانمار ئارمىيەسىنىڭ بېسىمىدىن قېچىپ كەلگەنلەردۇر.
مىيانمار ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى تۇرۇشى سەۋەبىدىن يۇرتىغا قايتىش ئىشى رەسمىي شەكىلدە ئەمەلگە ئاشمىدى. بۇ ئەھۋال جەمئىيەتتە ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلىپ، نۇرغۇن كىشىنى خەتەرلىك دېڭىز سەپەرلىرىگە چىقىشقا مەجبۇرلىماقتا.